ھىندىستان تىبەت چېگراسىغا ئەسكەر كۆپەيتتى

ھىندىستان خىتاينىڭ يولسىز زېمىن دەۋاسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ھىندىستان-تىبەت چېگرا ساقچىلىرى قوشۇنلىرىنى كۆپەيتكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نىتياناند راي 24-ئۆكتەبىر يېڭىدىن قۇرۇلغان ھىندىستان-تىبەت چېگرا ساقچى قىسىملىرىنىڭ بىر قانچە باتالىيونغا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ھوقۇق بېرىلگەنلىكىنى، پات يېقىندا تىبەت ۋە ھىندىستان چېگراسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھىندىستان ھۆكۈمىتى يەنە بۇ يېڭىدىن قۇرۇلغان سەرخىل قوشۇننى تولۇق ئەشيا ئوبوروتى ۋە زامانىۋى ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلەشكە ۋەدە بەرگەن.

نىتياناند راي يۇقىرىقى سۆزلىرىنى ھىندىستان-تىبەت چېگرا ساقچى ئەترىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە قىلغان. ھىندىستان-تىبەت چېگرا ساقچى ئەترىتى 1962-يىلى خىتاي-ھىندىستان چېگرا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ قوشۇن قاتتىق دالا مەشىقى قوبۇل قىلغان ۋە خىتاي-ھىندىستان چېگراسىدا ئۇزۇن مۇددەت تۇرغان قوشۇن ئىكەن.

نىتياناندنىڭ ئېيتىشىچە، ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى ھىندىستان-تىبەت چېگرا ساقچى ئەترىتىدىكى 47 يېڭى چېگرا پونكىتى ۋە چارلاش ئەسكەرلىرى ئۈچۈن 10 دىن ئارتۇق پونكىت ئورنىتىشنى تەستىقلىغان. نۆۋەتتە ھىندىستان-تىبەت چېگراسىغا ساقچى قوبۇل قىلىش ۋە تەمىنلەش، يېڭى باتالىيون دەرىجىلىك كۈچ تەشكىللەش توغرىسىدىكى مۇنازىرە ئاخىرقى باسقۇچقا كىرگەن. 2018-يىلى چېگرا ساقچى قىسىمى كېڭەيتىلگەندىن كېيىن، ھازىرقى قىسىمنىڭ كۆلىمى 60 باتالىيونغا يەتكەن. نۆۋەتتە 15 ھەربىي رايون ۋە 5 مۇداپىئە رايونى بار بولۇپ، ئەسكەر سانى تەخمىنەن 90 مىڭ ئىكەن.

ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،  ھىندىستان خىتاينىڭ چېگرادىكى يولسىزلىقى ھەمدە ھەربىي بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، 8000 كىشىدىن تەركىب تاپقان يەتتە باتالىيون بىلەن ھىندىستان-تىبەت چېگرا ساقچىلىرىنى كۆپەيتىشنى پىلانلىغان.

ھىندىستان-تىبەت چېگرا ساقچىلىرى يىل بويى تىبەت بىلەن ھىندىستاننىڭ چېگرا بويىدا ۋەزىپە ئۆتىگەندىن باشقا، ھىندىستان تەبىئىي ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتەيدىكەن. بۇ قوشۇن ئىلگىرى يەنە ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىغا قاتنىشىپ، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا، كوسوۋو، سېررالېئون، ھايتى، غەربىي سەھرايى كەبىر، سۇدان ۋە ئافغانىستاندا تىنچلىق ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان.

بۇ خەۋەر 759 قېتىم كۆرۈلدى
26/10/2021 13:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق