بېرما 5000 دىن ئارتۇق سىياسىي مەھبۇسنى قويۇپ بەردى

بېرما ھۆكۈمىتى ئالدىنقى كۈنى بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن 5000 دىن ئارتۇق سىياسىي مەھبۇسنى قويۇپ بەرگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر قايتىدىن قولغا ئېلىنغان.

ب ب س نىڭ 24-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى مىن ئاڭ سەي بايانات ئېلان قىلىپ، بېرمانىڭ مۇھىم بايرىمى «يورۇتۇش بايرىمى»نى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن 5000 دىن ئارتۇق سىياسىي مەھبۇسنىڭ كەچۈرۈم قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما بەزى سىياسىي مەھبۇسلار قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي قايتا قولغا ئېلىنغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالغان.  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، مىن ئاڭ سەينىڭ كەچۈرۈم ھەرىكىتى مەقسەتلىك يولغا قويۇلغان ئىكەن.

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى 16-ئۆكتەبىر مىن ئاڭ سەينىڭ ئاي ئاخىرىدا رەھبەرلىك يىغىنىغا قاتنىشىشنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇلار بېرما ھۆكۈمىتىنى «دۆلەت ئىچىدىكى كىرىزىسنى ھەل قىلالمىدى، تىنچ تەرەققىيات پىلانى كەمچىل» دەپ ئەيىبلىگەن. مىن ئاڭ سەي ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇنلۇقلىقىنى خەلقئارانىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، بېرىمنىڭ دېموكراتىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانى بەش باسقۇچلۇق مۇساپە بويىچە بولىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن.

ب د ت نىڭ بېرمىدىكى ئالاھىدە كىشىلىك ھوقۇق ئەلچىسى ئاندرېۋس بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «بېرما ئارمىيەسى خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئۈچ نەرسىنى تەلەپ قىلدى: بىرى ئىقتىسادىي ياردەم، بىرى قورال، ئۈچىنچىسى ھاكىمىيەتنىڭ قانۇنلۇقلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش. بۇ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان ھەرىكەت» دېگەن.

بۇ خەۋەر 974 قېتىم كۆرۈلدى
26/10/2021 12:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق