ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى خىتاينى ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، تەيۋەننى ئىككىنچى خوڭكوڭ دەپ قاراپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى دان سۇلىۋان(Dan Sullivan)ئالدىنقى ھەپتە خەلقئارا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ يىللىق يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، خىتاينى تەيۋەننى خوڭكوڭدىن كېيىنكى نىشانى قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى قانۇن-نىزاملىرىغا ئاساسەن تەيۋەننى خەتەردىن قوغدايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن ۋە شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنى مەيدانسىزلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىرغان.

سۇلىۋان سۆزىدە كۇبا، لىتۋانىيە، بېرما ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى كىشىلەرنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىككە قوشقان تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ دۇنيادىكى بىر قىسىم زۇلمەتلىك جايلارغا يورۇقلۇق ئاتا قىلغانلىقىنى، تەيۋەننىڭ بۇنىڭ تىپىك ئۆرنىكى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

سۇلىۋان خىتاينىڭ تەيۋەنگە زور تەھدىت بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە تەيۋەننىڭ ھايات-ماماتلىق پەيتتە تۇرغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە: «ئامېرىكا پارلامېنتى ماقۇللىغان تەيۋەن مۇناسىۋىتى قانۇنىدا ئېنىق قىلىپ، تىنچلىق ئۇسۇلىدا بولمىغان ۋاسىتىلەر بىلەن تەيۋەننىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتنىڭ غەربىي تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ۋە ئامېرىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان» دېگەنلەرنى قەيت قىلىپ ئۆتكەن.

 سۇلىۋان سۆزىنىڭ ئاخىردا يەنە ھازىر دۇنيا كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان ئەركىنلىك بىلەن زوراۋانلىق ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنىڭ پۈتكۈل دۇنيا ۋەزىيىتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، دۇنيادىكى بارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭغا قاراپ تۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 738 قېتىم كۆرۈلدى
25/10/2021 14:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق