بەش دۆلەت ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تېز ئىنكاس قايتۇرۇش قىسىمى قۇرۇشىنى ئوتتۇرىغا قويدى

گىرمانىيە، فىنلاندىيە، گوللاندىيە، پورتوگالىيە ۋە سىلوۋېنىيە قاتارلىق بەش دۆلەت بىرلىكتە، كەلگۈسىدىكى ھەربىي كىرىزىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تېز ئىنكاس قايتۇرۇش قىسىمى قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

گىرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 22-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گىرمانىيە، فىنلاندىيە، گوللاندىيە، پورتوگالىيە ۋە سىلوۋېنىيە قاتارلىق بەش دۆلەت بىرلىكتە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تېز ئىنكاس قايتۇرۇش قىسىمى قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. تەشەببۇستا ئېيتىلىشىچە، ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن يېقىنقى ۋەقەلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئىنكاس قايتۇرۇش قىسىمى قۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. شۇڭلاشقا، قوراللىق كۈچلەرنىڭ جەڭ تەييارلىقى، ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىق شەكلىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىش كېرەك ئىكەن.

مەزكۇر بەش دۆلەت يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقى شەرتنامىسىنىڭ ھازىرغىچە ئىشلىتىلىپ باقمىغان 44-ماددىسىغا ئاساسەن «ئىرادە بىرلىكى» نى جانلاندۇرۇپ، نۆۋەتتە مەۋجۇت بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقى جەڭ قىلىش قىسمىنىڭ ئىقتىدارىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىرىزىسقا تاقابىل تۇرالايدىغان تىز ئىنكاس قايتۇرۇش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى شەرتنامىسىنىڭ 44-ماددىسىدا، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشقا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قاتناشمىغان دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە بىخەتەرلىك پائالىيىتى قىلىشىغا رۇخسەت قىلىدىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتتە، ئىككى ئۇرۇش قىلىش قىسىمى بار بولۇپ، ھەر بىرىدە 1500 جەڭچى بار، ئۇلار بۇيرۇق كۈتۈش ھالىتىدە تۇرىدىكەن. مەزكۇر جەڭچىلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشىمىغان ئەزا دۆلەتلەردىن كەلگەن بولۇپ، مەزكۇر جەڭچىلەر ھەر ئالتە ئايدا بىر قېتىم ئالمىشىدىكەن. ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى تەشەببۇستا قۇرۇلماقچى بولغان قىسىمنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى توغرىسىدا كونكېرىت تەۋسىيەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئارمىيەنىڭ تەخمىنەن 5000 ئەسكىرى بولغان بىرىگادا چوڭلۇقىدا بولۇشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

گىرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كرامپ كارېنباۋېرنىڭ جۈمە كۈنى ئېيتىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تېز ئىنكاس قايتۇرۇش قىسىمى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ كۈچىنى تولۇقلايدىكەن.

بۇ خەۋەر 964 قېتىم كۆرۈلدى
23/10/2021 14:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق