ۋاڭ يى: يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى كېلىشىمىگە قارشى تۇرىمىز

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىقلار تۈزگەن ئۈچ دۆلەت يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى كېلىشىمىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، بۇ كېلىشىمنىڭ يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىش خەۋپىنى ئاشۇرۇپ، رايون تىنچلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 22-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى جۈمە كۈنى ئەنگلىيە يېڭى تاشقى ئىشلار ۋە تەرەققىيات مىنىستىرى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى قىلغاندا، خىتاي «ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترالىيە ئوتتۇرىسىدا ئۈچ تەرەپلىك بىخەتەرلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ۋە يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا يېقىندىن دىققەت قىلماقتا، بۇ كېلىشىم يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېگەن.

ۋاڭ يى سۆزىدە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى مەسىلىسىدىكى ھەمكارلىقى يادرو قوراللىرىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ تۇنجى قېتىم يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنى يادرو قوراللىرى بولمىغان دۆلەتلەرگە يۆتكەپ، يۇقىرى دەرىجىدە قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇران بىلەن تەمىنلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، بۇ كېلىشىم خەلقئارالىق نازارەتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان بولسا، يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋاڭ يى سۆھبەتتە يەنە، خىتاي بىلەن ئەنگلىيەنىڭ زور ئىقتىسادىي تولۇقلاش كۈچى بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ پۇل-مۇئامىلە، پاكىز ئېنېرگىيە ۋە رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق جەھەتلەردە كەڭ ساھەدە ھەمكارلىقى بارلىقىنى، بۇ يىل ئىككى تەرەپ سودا سوممىسىنىڭ 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كېتىشىدىن ئۈمىد بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 732 قېتىم كۆرۈلدى
23/10/2021 14:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق