ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى خىتاينى ئاگاھلاندۇردى

ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى بېن ۋاللېس(Ben Wallace)21-ئۆكتەبىر پەيشەنبە كۈنى خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاينىڭ تەيۋەننىڭ ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا بېسىپ كىرىشىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، توقۇنۇش پارتلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ھەمدە خىتاينى تەيۋەن بىلەن بولغان ئىختىلاپنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىرغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 22-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋاللېس ش ئا ئە ت نىڭ بىريۇسسېلدىكى يىغىنىدا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ،  تەيۋەننىڭ ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا بېسىپ كىرىش خەتەرلىك، توقۇنۇش پارتلىشى مۇمكىن دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

بېن ۋاللېس سۆزىدە يەنە، «ھەربىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بىز ئىككى تەرەپنىڭ دۈشمەنلىشىش ھالىتىگە ئۆتكەنلىكىنى كۆردۇق. بىز بۇلارنى ئەقىلسىزلىق دەپ قارايمىز» دېگەن.

ئۇ يەنە تاراتقۇلارغا: «خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش كېرەك» دېگەن.

ۋاللېس سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خىتاينى كۆرسىتىپ، «مېنىڭچە بۇ بىزنىڭ خوڭكوڭدىن ئەندىشە قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى، چۈنكى تەيۋەن ئەمەلىيەتتە، بىر دۆلەتتە ئىككى خىل سىستېمىنىڭ نىشانى. ئەگەر سىلەر بۇنى قۇرۇق سۆز دەپ قاراپ ئىجرا قىلمىساڭلار، ۋەدەڭلارغا خىلاپلىق قىلغان بولىسىلەر، بۇ تەيۋەن ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

ھەربىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ تەيۋەن ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا چوڭ تىپتىكى ئايروپىلانلار ئەترىتى بىلەن داۋاملىق تاجاۋۇز قىلىشى تەيۋەننى خەۋپسىزلىك جەھەتتە جىددى قەدەملەرنى بېسىشقا مەجبۇرلىغان. تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چىيۇ گوجېڭ ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئاگاھلاندۇرۇپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۇنىڭ 40 يىل ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەندىن بىرى كۆرگەن ئەڭ ئېغىر ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەنلىكىنى، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ 2025-يىلغا بارغاندا تەيۋەنگە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.

بۇ خەۋەر 703 قېتىم كۆرۈلدى
23/10/2021 14:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق