ئىستانبۇلدا كۆچمەنلەر مەسىلىسى ھەققىدە مۇھىم يىغىن ئېچىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىسىتىرىنىڭ يوليۇرۇقى بىلەن ئسىتانبۇل كۆچمەنلەر ئىدارىسىدا ئىسلام دۇنياسىدىن تۈركىيەگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەن مۇھاجىرلار مەسىلىسى ھەققىدە مۇھىم يىغىن ئېچىلدى.

22 – ئۆكتەبىر ئىستانبۇل كۆچمەنلەر ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا ئىستانبۇل مۇئاۋىن ۋالىيسى دوكتور ياشار ئاكسانيار، كۆچمەنلەر ئىدارىسى مۇئاۋىن باشلىقى دوكتور گۆكچە ئوك ۋە ئىستانبۇل كۆچمەنلەر ئىشلىرى رەئىسى بايرام يالىنسۇ ئەپەندىلەرنىڭ باشچىلىقىدا تۈركىيەدە مۇھاجىرلارغا خىزمەت قىلىۋاتقان يەرلىك ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە تەمسىلچىلىرى قاتناشتى.

يىغىنغا شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ۋاكالىتەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر يىغىندا ھەرقايسى ئىسلام دۆلەتلىرىدىن تۈركىيەدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان مۇھاجىرلارنىڭ ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلىرى ۋە ئۇنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى يىغىندا نۆۋەتتە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىقامەت، گراژدانلىق، ھەرخىل بىخەتەرلىك كود قويۇلۇپ قېلىش مەسىلىلىرى ۋە گراژدانلىقى رەت قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرى قاتارلىقلارنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرگەن بولۇپ، بۇ مەسىلىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئوقۇش، تىجارەت، سەپەر قاتارلىق خىلمۇخىل ساھەلەردە قىيىنچىلىق تۇغدۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەسىلىنىڭ جىددى شەكىلدە ھەل قىلىنىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

ئىستىشارە يىغىنىدىن كېيىن مەسئۇللار مۇھاجىرلارنىڭ مەزكۇر مەسىلىلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن يېقىندا ئىچكى ئىشلار مىنسىتىرى سۇلايمان سويلۇ بىلەن مەخسۇس كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرشكەن.

بۇ خەۋەر 1539 قېتىم كۆرۈلدى
23/10/2021 11:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق