بايدېن: تەيۋەننىڭ قوغدىنىشىغا ياردەم قىلىمەن

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېن 21-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى قوغداشقا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى قوغداشقا ياردەم بېرىش ۋەدىسى بارلىقىنى ئېيتقان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېن CNN مۇخبىرىنىڭ «ئامېرىكا تەيۋەننىڭ قوغدىنىشقا ياردەم بېرەمدۇ؟» دېگەن سوئالىغا، «شۇنداق، بىزنىڭ شۇنداق قىلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار» دېگەن.

بايدېن سۆزىدە يەنە، «كۆپچىلىك ئامېرىكىنىڭ ھەربىي كۈچىدىن ئەنسىرىمەسلىكى كېرەك، چۈنكى خىتاي، رۇسىيە ۋە دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر بىزنىڭ دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ھەربىي كۈچ ئىكەنلىكىمىزنى بىلىدۇ. چوقۇم ئەنسىرەشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئۇلارنىڭ ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزۈش نۇقتىسىغا كېلىپ قىلىش ياكى قالماسلىقى» دېگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە يەنە، ئاقساراي باياناتچىسى: «ئاقساراينىڭ تەيۋەن سىياسىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى» دېگەن.

باياناتتا، ئاقساراينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىگەنلىكىنى، پىرېزىدېنت بايدېننىڭ ھېچقانداق سىياسەتتە تەڭشەش قىلمىغانلىقىنى، ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ مۇداپىئە مۇناسىۋىتى تەيۋەن مۇناسىۋىتى قانۇنىغا ئاساسەن بېكىتىلىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلىقىنى، تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغداش ھەرىكىتىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى، نۆۋەتتىكى بىر تەرەپلىمە ئۆزگىرىشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 667 قېتىم كۆرۈلدى
22/10/2021 15:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق