تالىبان رۇسىيە، خىتاي ۋە ئىران بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييارلاندى

20-ئۆكتەبىر رۇسىيەدە ئافغانىستان مەسىلىسى بويىچە يىغىن ئېچىلغان بولۇپ، تالىبان ۋەكىل ئەۋەتىپ يىغىنغا قاتناشقان. يىغىندا رۇسىيە، تالىبان ۋە خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ ھەممىسى ئافغانىستاندىكى بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە قوشۇلغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئافغانىستان مەسىلىسى يىغىنى 20-ئۆكتەبىر رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، تالىبانلار تۇنجى قېتىم ئافغانىستان توغرىسىدىكى خەلقئارالىق يىغىنغا ۋەكىل ئەۋەتكەن. يىغىنغا خىتاي، ئىران، پاكىستان، ھىندىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى قاتناشقان، ئەمما ئامېرىكا يىغىنغا قاتنىشىشنى رەت قىلغان.

يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەر 20 - ئۆكتەبىر بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رايون مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقى، ئافغانىستان بىلەن بولغان ھەر قانداق ئالاقىنىڭ تالىبانلارنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققانلىقىنى نەزەردە تۇتقان يېڭى رېئاللىقنى ئويلىشىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروف يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، 39 مىليون نوپۇسى بار ئافغانىستاندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بارلىق مىللەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرەلەيدىغان ھەقىقىي سىغدۇرۇشچان ھۆكۈمەت تەشكىللەش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

لاۋروف يەنە تالىبانلارنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي ۋە سىياسىي ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە دۆلەتنىڭ نورمال داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى ماختىغان.

يىغىنغا قاتناشقان رۇسىيەنىڭ ئافغانىستاندىكى ئالاھىدە ۋەكىلى كابۇلوف تالىبانلارنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ قورساقلىق ۋە ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق تەلىپىگە ماس قەدەم ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ھەنەفىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىغىن پۈتكۈل رايوننىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن. ئۇ يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنى تالىبان ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرغان. ئۇ ئافغانىستاننى چەتكە قېقىشنىڭ ھېچقانداق دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە 2003-يىلى تالىباننى تېررورلۇق تەشكىلاتى قىلىپ بېكىتكەن بولسىمۇ، ئەمما تالىبان بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۇزۇن يىل ساقلاپ كەلگەن. رۇسىيە قانۇنىغا ئاساسەن، پۇقرالار تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان ئالاقە سەۋەبلىك جازالىنىدىغان بولۇپ، ئەمما رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئافغانىستان ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا تالىبانلار بىلەن ئالاقە قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئېيتقان.

بۇ خەۋەر 800 قېتىم كۆرۈلدى
22/10/2021 14:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق