43 دۆلەت خىتايدىن شەرقىي تۈركىستاننى چەكلىمىسىز تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا، فىرانسىيە ۋە تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 43 دۆلەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە شەرقىي تۈركىستاننى چەكلىمىسىز تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 43 دۆلەت 21-ئۆكتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەت ئەزالىرىنى كەڭ كۆلەمدە نازارەت قىلىش، دىنغا چەكلىمە قويۇش ۋە كوللېكتىپ باستۇرۇش قىلمىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن. 43 دۆلەت يەنە خىتاينى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ باشچىلىقىدىكى مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى چەكلىمىسىز تەكشۈرۈشىگە يول قويۇشقا چاقىرغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۆپلىگەن غەرب دۆلەتلىرىدىن تەركىب تاپقان گۇرۇپپا بارلىق دۆلەتلەردىن خىتايغا قارىتىلغان بېسىمنى ئاشۇرۇش سېپىگە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ ئۈچىنچى كومىتېتى ئېلان قىلغان خىتايغا قارشى بىرلەشمە باياناتقا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ سانى كۆپەيگەن ۋە كۆپ خىللاشقان. بۇ يىل تۈركىيە تۇنجى قېتىم خىتايغا قارشى بىرلەشمە باياناتقا قوشۇلغاندىن سىرت، ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىچىدە لىبېرىيە ۋە سېۋېزىلاندمۇ قېتىلغان.

خىتاينىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى جاڭ جۈن 43 دۆلەتنىڭ بىرلەشمە باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇرۇنقى يالغان جۈملىلىرىنى تەكرارلاپ: «سىلەرنىڭ باياناتىڭلارنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق. شىنجاڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، خەلقىنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ. ھەر قايسى دۆلەتنىڭ تەكشۈرگۈچىلىرىگە شىنجاڭنىڭ ئىشىكى ئوچۇق» دەپ بىلجىرلىغان.

يىغىندا بېلارۇسىيە، ئارتېرىيە، ئىران، شىمالى كورىيە، سۇرىيە ۋە ۋېنېزۇئېلانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 نەچچە دۆلەت خىتاينى قوللاپ سۆز قىلغان.

«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلەشنىڭ خىتاينى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى، ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئۈمىد بېغىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ ب د ت ئىشلىرى مەسئۇلى لۇئىس شاربونۇمۇ بۇ ھەقتە: «ب د ت دىكى بارلىق رايونلۇق گۇرۇپپىلارنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى توختىتىشقا ۋە ب د ت نىڭ مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلىرىنى دەرھال زىيارەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولدى» دېگەن.

 

ئۇ يەنە «ئەزا دۆلەتلەر خەلقئارا تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى رەسمىي ۋە چەكلىمىسىز تەكشۈرۈشى ھەمدە مەزكۇر جىنايى قىلمىشلاردا جاۋابكارلىقى بار ئەمەلدارلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش يوللىرى ھەققىدە تەكلىپ بېرىشى كېرەك» دېگەن.

بۇ خەۋەر 707 قېتىم كۆرۈلدى
22/10/2021 14:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق