خىتاي ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تەيۋەن ھەققىدىكى قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ياۋروپا پارلامېنتى تەيۋەنگە مۇناسىۋەتلىك قارار ماقۇللىغان بولۇپ، خىتاي بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ياۋروپا «خاتا سۆز-ھەرىكەتنى دەرھال تۈزىتىشى كېرەك» دەپ جار سالدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 21-ئۆكتەبىر-ياۋروپا پارلامېنتى ماقۇللىغان تەيۋەنگە مۇناسىۋەتلىك قارارغا قارىتا، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قارارنىڭ بىر خىتاي پىرىنسىپىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ ئىكەنلىكىنى، بۇ قارارنىڭ خارەكتىرىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ قارارغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، ياۋروپا پارلامېنتى خاتا سۆز- ھەرىكەتلىرىنى دەرھال تۈزىتىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مەزكۇر نارازىلىق باياناتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، باياناتتا: «بىر خىتاي پىرىنسىپى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ھەمدە خىتاي بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ سىياسىي ئاساسى. بۇ قارار ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تەيۋەنگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە قىلغان خاتا ۋە خەتەرلىك ھەرىكەت. خىتاي بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي جەھەتتە ئۆز-ئارا ئىشىنىش ۋە ئۆز-ئارا ئالاقە قىلىش ئاساسىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ» دېيىلگەن.

خىتاي باياناتىدا پوپوزا قىلىپ، «دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەق-ناھەق مەسىلىسىدىكى ئاساسلىق مەسىلىلەردە، ھېچكىم خىتاينى  دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئىرادىسى ۋە كۈچلۈك ئىقتىدارىنى تۆۋەن مۆلچەرلىمەسلىكى كېرەك» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنت ئەزالىرى 21-ئۆكتەبىر كۈنى فىرانسىيەنىڭ ئىستراسبۇرگ ياۋروپا پارلامېنتىدا بىلەت تاشلاپ، 580 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 26 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن تەيۋەن ھەققىدە مۇھىم قارار ماقۇللاپ: «ياۋروپا ئىتتىپاقى تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەيۋەن بىلەن مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالاش مۇزاكىرىلىرىنى باشلىشى كېرەك» دېگەن. پارلامېنت ئەزالىرى يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەيبېيدىكى ئىقتىساد ۋە سودا ئىشخانىسىنىڭ ئىسمىنى «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەيۋەندە تۇرۇشلۇق ئىشخانىسى» دەپ ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان.

بۇ خەۋەر 623 قېتىم كۆرۈلدى
22/10/2021 13:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق