ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نامزاتى خىتايغا قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈردى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش ئەلچىسى نىكولاس بۇرنس ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كاندىداتى بولغانلىقى توغرىسىدىكى نۇتۇق سۆزلەپ، خىتايغا قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە كۆرسەتكەن نامزاتى نىكولاس بۇرنس چارشەنبە كېڭەش پالاتاسىدىكى يىغىندا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، تىبەت ۋە تەيۋەندىكى خىتاي زوراۋانلىقىنىڭ توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇرنس خىتاينى ئامېرىكىنىڭ «ئەڭ خەتەرلىك رەقىبى» دەپ تەسۋىرلەپ، خىتاينىڭ پەقەت ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى يادرو تەھدىتى بىلەن تەمىنلەش ۋەدىسىنى ماقۇللىغانلىقىنى، ۋاشىنگتوننىڭ ياۋروپا ۋە باشقا جايلاردىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىقتىسادىي توسما بەرپا قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇرنس سۆزىدە يەنە: «خىتاي رېجىمىنىڭ شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستاندىكى) قىرغىنچىلىقى، تىبەتتىكى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرى، خوڭكوڭنىڭ ئاپتونومىيەسى ۋە ئەركىنلىكىنى بوغۇشى، تەيۋەننى بوزەك قىلىشقا ئۇرۇنۇشى يولسىزلىق، ئۇنى توختىتىش كېرەك» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

65 ياشلىق كەسپىي دىپلومات، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش ئەلچىسى بۇرنس ۋاشىنگتوننىڭ ھازىرقى تەيۋەنگە قاراتقان «بىر خىتاي» سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇشىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى، ئەمما خىتاينىڭ ھازىرقى ھالەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇش ھوقۇقى بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ: «خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي تەھدىتى كۆپەيدى، ئەمما بىر خىتاي سىياسىتىنى ساقلاپ قېلىش خىتاينى ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولغان دېموكراتىك ئارال تەيۋەنگە قورال ئىشلىتىشتىن توسۇشتىكى ئەڭ ئاقىلانە ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسۇل» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان ۋە ئامېرىكىنىڭ ھىندى تىنچ ئوكياندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيە ئىكەنلىكىنى ئىلاۋە قىلغان.

بۇرنس سۆزىدە: «خىتايلار زىيادە قوپاللىق ۋە ئۇششۇقلۇق قىلماقتا. ئۇلار بۇ مەيدانى سەۋەبلىك ئۆزلىرىگە قارشى ئۆكتىچىلەرنى كۈشكۈرتمەكتە. مېنىڭچە بىز ئۇلارنىڭ كۈچىنى بەك چوڭ بىلىپ كەتمەسلىكىمىز ۋە ئامېرىكىنىڭ كۈچىنى تۆۋەن چاغلىماسلىقىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ دۇنيانى خىتاي ۋىرۇسىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا مەلۇماتسىز قويغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز تەكشۈرۈشىمىز كېرەك، بىز بۇ ۋىرۇسنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى ئېنىق بىلمەيمىز، بۇ ھەقتە نۇرغۇن نەزەرىيە بار، خىتايلار بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىشى كېرەك» دېگەن.

ئۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئولىمپىكنىڭ بايقۇت قىلىنىشى توغرىسىدىكى بەزى چاقىرىقلارغا بىۋاسىتە جاۋاب بەرمىگەن، ئەمما ئۇ: «ئېنىقكى، بىز ئامېرىكىلىق تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئويلىغانلىرىنى بىمالال سۆزلىيەلىشى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا دېمەكچى بولغانلىرىنى خالىغانچە ئېيتالايدىغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى خالايمىز. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن ۋە ئىشىنىمەن» دېگەن.

خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسى نۆۋەتتە بۇرنسنىڭ سۆزلىرىگە باھا بېرىش تەلىپىگە دەرھال جاۋاب قايتۇرمىغان.

بۇرنسنىڭ ئاسانلا ئىككى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تەستىقى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىشىدىن ئۈمىد بار بولۇپ، بۇ كومىتېتنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزاسى كېڭەش پالاتا ئەزاسى جىم رىچ: «مېنىڭچە باش ئەلچى بۇرنسنىڭ بۇ ئورۇنغا تەيىنلىنىشى مۇۋاپىق» دېگەن.

بۇ خەۋەر 718 قېتىم كۆرۈلدى
21/10/2021 15:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق