ئۇنىۋېرسال ئېلېكتىرون شىركىتى: ئۇيغۇر ئىشچىلارنى ئىشتىن بوشاتتۇق

ئامېرىكىنىڭ بىر گۇرۇپپا كېڭەش پالاتاسى ئەزالىرى ئامېرىكىنىڭ تىزگىنەك ئىشلەپچىقارغۇچى شىركىتى «ئۇنىۋېرسال ئېلېكتىرون»غا مەكتۇپ يوللاپ، شىركەتنىڭ خىتايدىكى زاۋۇتىدا ئۇيغۇرلارنى ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە جاۋاب تەلەپ قىلدى.

ئارىزوناغا جايلاشقان ئۇنىۋېرسال ئېلېكتىرون شىركىتى بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا خىتاينىڭ گۇاڭشى، چىنجوۋ شەھىرىدىكى زاۋۇتىدا شەرقىي تۈركىستاندىن ئېلىپ كېلىنگەن 365 ئۇيغۇر ئىشچىسى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغانىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر مەكتۇپقا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بوب مېنېندېز، كېڭەش پالاتاسى ئەزالىرىدىن ماركو رۇبىيو ۋە جېف مېركلېي قاتارلىقلار ئىمزا قويغان.

شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىغا يېزىلغان مەكتۇپتا شىركەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىشلىتىشىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئىپادىلىرى بارلىقى، شىركەتنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا مەجبۇرىي ئەمگەك ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ كەلگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

مەكتۇپتا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ 2021-يىلىدىكى ئادەم ئەتكەسچىلىكى دوكلاتىدا بايان قىلىنغان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئادەم ئەتكەسچىلىكى، جىسمانىي خورلاش، زەھەرلىك چېكىملىك، جىسمانىي جەھەتتىن قىيناش ۋە جىنسىي پاراكەندىچىلىك ۋە قىيناش تەھدىتى ئارقىلىق تۇتقۇنلارنى زاۋۇت-كارخانىلاردا ئىشلەشكە مەجبۇرلىغانلىقىدەك جىنايەتلىرى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن.

كېڭەش پالاتا ئەزالىرى خېتىدە يەنە ئامېرىكا شىركەتلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي  ئەمگەككە سېلىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان ماللارغا قارىتا ئېھتىياتچان بولۇشقا چاقىرغان.

ئۇنىۋېرسال ئېلېكتىرون شىركىتى باياناتچىسى ئېلخەت ئارقىلىق ئامېرىكا ئاۋازىغا مەلۇمات بېرىپ، شىركەتنىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئۇيغۇر ئىشچىلارنى ئىشتىن بوشاتقانلىقىنى، مەزكۇر ئۇيغۇر ئىشچىلارنى ياللىغان ۋاكالەتچى ئورگان بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكىنى،  مەكتۇپتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپلەر ئۈستىدە ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 721 قېتىم كۆرۈلدى
21/10/2021 13:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق