خىتاينىڭ شېنياڭ شەھىرىدە ئېغىر پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

بۈگۈن خىتاينىڭ شېنياڭ شەھىرىدە ئېغىر پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۈچ ئادەم ئۆلۈپ، 30 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.

خىتاي يەرشارى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۈگۈن ئەتىگەن شۇ جاي ۋاقتى سەككىز ئەتراپىدا شېنياڭ شەھىرى تىنچلىق رايونى تەييۈەن جەنۇبىي كوچىسىدىكى بىر بىنادا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە كۆرۈلگەن يول ئېغىزىدىكى بىنالار، يول ياقىسىدىكى نۇرغۇنلىغان ماشىنىلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.

دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا، پارتلاش ۋەقەسىدە ئۈچ ئادەم ئۆلگەن، 30 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان بولۇپ، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇش داۋاملاشماقتىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، شېنياڭ تەبىئىي گاز تارماقلىرىنىڭ 20-ئۆكتەبىر كەچتە يېقىن ئەتراپتىكى تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنى رېمونت قىلىشى سەۋەبلىك مېھمانخانىنىڭ تەبىئىي گازى توختاپ قالغان. تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش ئەتىسى ئەسلىگە كەلگەن بولۇپ، شىركەت بۇ ۋەقەنىڭ تەبىئىي گاز سەۋەبلىك يۈز بەرگەنلىكىنى دەلىللىگەن. نۆۋەتتە بۇ مېھمانخانىنىڭ گاز توختىغاندا سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز باكىنى ئىشلەتكەن-ئىشلەتمىگەنلىكى تەكشۈرۈلمەكتىكەن.

بۇ خەۋەر 694 قېتىم كۆرۈلدى
21/10/2021 11:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق