ئامېرىكا: تالىباننىڭ ئافغانىستان مەركىزىي بانكىسىدىكى مۈلۈكنى ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ

ئامېرىكا مۇئاۋىن مالىيە مىنىستىرى ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا، تالىبان ھاكىمىيىتىنىڭ ئافغانىستان مەركىزىي بانكىسىنىڭ مۈلكىنى ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا مۇئاۋىن مالىيە مىنىستىرى ۋولى ئادېيېمو (Wally Adeyemo) 19-ئۆكتەبىردىكى سۆزىدە ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا تالىباننىڭ ئافغانىستان مەركىزىي بانكىسىنىڭ زاپاس مۈلكىنى ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. نۆۋەتتە بۇ زاپاس مۈلۈكنىڭ كۆپ قىسمى ئامېرىكىدا ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، تالىبان ئامېرىكىنى ئافغانىستان مەركىزىي بانكىسىنىڭ چەت ئەلدە ساقلىغان توققۇز مىليارد دوللاردىن ئارتۇق زاپاس مۈلكىنىڭ چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشقا چاقىرغان بولۇپ، تالىبان ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئېغىرلىشىۋاتقان ئىقتىسادىي كىرىزىسنى كونترول قىلىشقا تىرىشماقتا ئىكەن.

ۋولى ئادېيېمو بۇ ھەقتە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىغا: «بىز تالىبانغا قارىتىلغان جازانى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامال قىلىپ قانۇنلۇق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭ ئافغانىستان خەلقىگە يەتكۈزۈش كېرەك، دەپ قارايمىز» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئافغانىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرگەندىن كېيىن، تالىبانلار ئاۋغۇست ئېيىدا ئافغانىستاننى پۈتۈنلەي كونترول قىلىپ، ئافغانىستان ئىسلامىي ئەمىرلىكنى ئېلان قىلغان ۋە دۆلەتنى ئىسلامىي ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى بويىچە باشقۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئامېرىكا بولسا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تالىبان ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئىقتىسادىي ياردەمگە ئېرىشىشى ئۈچۈن، تالىبان ئالدى بىلەن ئىسلامىي ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدىن ۋاز كېچىشى، ئاياللارنىڭ ئەركىنلىكىگە تولۇق كاپالەت قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە شەرت قويغان.

بۇ خەۋەر 622 قېتىم كۆرۈلدى
21/10/2021 11:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق