خىتاي خاككېرلىرىنىڭ يەنە بىر زور كۆلەملىك جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ئاشكارىلاندى

ئامېرىكىنىڭ بىر تور بىخەتەرلىك شىركىتى خىتايغا مۇناسىۋەتلىك خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يانفون تورىغا ئوغرىلىقچە كىرىپ، سۆزلىشىش خاتىرىسى ۋە ئۇچۇرلارنى ئوغرىلىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 19-ئۆكتەبىر ئامېرىكا تور بىخەتەرلىك شىركىتى «CrowdStrike» خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتى بار، دەپ گۇمان قىلىنغان بىر خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يانفون تورىغا ئوغرىلىقچە كىرگەنلىكىنى ۋە مەخسۇس قوراللارنى ئىشلىتىپ، تېلېگراف مۇلازىمىتى شىركەتلىرىدىن سۆزلىشىش خاتىرىسى ۋە قىسقا ئۇچۇرلارنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

ئامېرىكا تور بىخەتەرلىك شىركىتىنىڭ ئېيتىشىچە، «LightBasin» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ خاككېرلار گۇرۇپپىسى كەم دېگەندە 2016-يىلدىن باشلاپ ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان. ئەمما ئۇلارنىڭ ئالاھىدە مۇرەككەپ قوراللارنى ئىشلەتكەنلىكى يېقىندا بايقالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، تېلېگراف شىركەتلىرى ئۇزۇندىن بۇيان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى بولۇپ كەلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاي، رۇسىيە، ئىران ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى بايقالغان. مەزكۇر تور بىخەتەرلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ئادام مېيېرس (Adam Meyers) ئۆز شىركىتىنىڭ يۇقىرىدىكى ئۇچۇرلارنى ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلاردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇش تەرىقىسىدە توپلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما ۋەقەنىڭ قايسى دۆلەت ۋە قايسى رايوندا يۈز بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان.

ئۇ يەنە خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى قىلچە بىلىندۈرمەي ئوغرىلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مەن ئەزەلدىن بۇ دەرىجىدىكى ئالاھىدە قورالنى كۆرۈپ باقمىغان» دېگەن.

ئادام مېيېرس ئۆزىنىڭ خىتاي رېجىمىنى مەزكۇر خاككېرلار گۇرۇپپىسىغا بۇيرۇق قىلدى، دەپ ئەيىبلىمىگەنلىكىنى، ئەمما بۇ ھۇجۇملارنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، چۈنكى خاككېرلارنىڭ خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە شىفىرغا تايانغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ ئىلگىرىكى ھۇجۇملىرىغا ئوخشاش تېخنىكىلارنى ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 657 قېتىم كۆرۈلدى
21/10/2021 10:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق