خىتاينىڭ دېڭىز-ئوكياندىكى كېڭەيمىچىلىكىگە قارشى قانۇن ماقۇللاندى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى 19-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ دېڭىز ئوكياندىكى زوراۋانلىق، تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشلىرىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان «2021-يىللىق جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى ۋە شەرقىي خىتاي دېڭىزى جازا قانۇنى»نى ماقۇللىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئارقىلىق خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز ۋە شەرقىي دېڭىزدا ئىگىلىك ھوقۇقىنى دەۋا قىلىشىغا قاتناشقان شەخس ۋە ئورگانلارغا جازا يۈرگۈزۈلىدىغان بولۇپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى بېن كاردىن ئوتتۇرىغا قويغان.

ماركو رۇبىيو بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا نىسبەتەن، خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ خىتاي ئارمىيەسىدىنمۇ ئېغىر تەھدىت يوق ئىكەنلىكىنى، خىتاي ئىزچىل جەنۇبىي دېڭىز ۋە شەرقىي دېڭىزنى قانۇنسىز كونترول قىلىشقا ئۇرۇنغان بىر مۇھىم پەيتتە، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا تېخىمۇ كۆپ ۋاسىتىلەر ئارقىلىق قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكىنى، پۈتكۈل كېڭەش پالاتاسىنىڭ بۇ قانۇننى تېزدىن ماقۇللىنىشى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى كاردىنمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز ۋە شەرقىي دېڭىزدىكى تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە تالاش-تارتىشلارنى خەلقئارا قانۇن بويىچە تىنچ ۋە دىپلوماتىك ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسىگە ئاساسەن جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان رايونلاردا سۈنئىي ئارال ياساش، مۇنار قۇرۇلۇشى، كۆچمە خەۋەرلىشىش پونكىتى قۇرۇلۇشى، ئېلېكتىر ۋە يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى،  پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارغا قاتناشقان ھەر قانداق شەخس جازالىنىدىكەن.

ئۇندىن باشقا بۇ خىل تەرەققىيات تۈرلىرىدە بەرپا قىلىنغان يېڭى ئولتۇراق رايونلارنى تەمىنلەشكە مەسئۇل بولغان ھەرقانداق خىتاي، شۇنداقلا جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تالاش-تارتىشتىكى رايونىغا ياكى ياپونىيە باشقۇرىدىغان شەرقىي دېڭىزنىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى ياكى مۇقىملىقىغا تەھدىت سالىدىغان ھەرىكەت ياكى سىياسەتلەرگە مەسئۇل بولغان، بۇنىڭغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك قاتناشقان شەخسلەر، شىركەتلەرگە جازا يۈرگۈزۈلىدىكەن. جازا بولسا ئامېرىكىدىكى ياكى ئامېرىكىلىقلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى مال-مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىش، ئامېرىكىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلماسلىق، قولىدا بار بولغان ۋىزىلىرىنى بىكار قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

مەزكۇر قانۇن يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نەشرىيات ئىشخانىسىنىڭ «جەنۇبىي دېڭىز ۋە شەرقىي دېڭىزدىكى ئاراللار خىتاي زېمىنىنىڭ بىر قىسىمى» دېگەن مەزمۇندىكى ھەر قانداق نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىشىنى چەكلەيدىكەن. شۇنداقلا خىتاينىڭ دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدىغان بەزى دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىشنى مەنئى قىلىدىكەن.

بۇ خەۋەر 763 قېتىم كۆرۈلدى
20/10/2021 15:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق