خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەمەلدارلارنى تەڭشىشى دىققەت قوزغىماقتا

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ۋەزىپىسىنى قايتىدىن تەڭشەشكە باشلىغان بولۇپ، بۇ ھەرىكىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

30-سېنتەبىر ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ قورچاق رەئىسى شۆھرەت زاكىر تۇيۇقسىز ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا مۇئاۋىن رەئىسلىك ئورنىدىكى ئەركىن تۇنىياز مۇۋەققەت رەئىس بولۇپ تەيىنلىگەنىدى. بۇلارنىڭ تۇيۇقسىز ئالماشتۇرۇلۇش سەۋەبى تېخى ئېنىق بولمىغان بىر پەيتتە، خىتاي يەنە يۈسۈپجان مەمەت ۋە ئىلزات ئەخمەتجاننى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى»نىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلىگەن. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش جىنايىتى خەلقئارادا كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكى سەۋەبلىك، قاتتىق بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەمەلدارلارنى قايتا تەڭشىشى دىققەت قوزغىدى.

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 18-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى 10-ئۆكتەبىر خې جۇڭيوۋنى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ ئەزالىقىغا، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا ۋە مۇئاۋىن سېكرېتارلىقىغا تەيىنلىگەن. يۈسۈپجان مەمەت، ئىلزات ئەخمەتجاننى بولسا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ ئەزالىقىغا ۋە دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلىگەن.

يۈسۈپجان مەمەت  1968-يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ،1992-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە ئاقسۇ شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئىشخانا كاتىپى، كۇچا ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى بولغان. 2018-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» مەدەنىيەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان. كېيىن 2020-يىلىغىچە شەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىئەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول يېڭى شەھەر باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

ئىلزات ئەخمەتجان بولسا 1975-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، خىتاي خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن ۋە خىتاي نېفىت گۇرۇھى، خىتاي ئاشلىق گۇرۇھى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئوخشىمىغان ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. خەۋەردە ئۇنىڭ باشقا خىزمەت تارىخى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.

ئۇندىن باشقا 19-ئۆكتەبىر خىتاي دائىرىلىرى يەنە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ رەئىسى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەۋاتقان ۋاڭ جۈنجېڭنى تىبەتنىڭ پارتىيە كومىتېتى رەئىسلىكىگە تەيىنلىگەن. ۋاڭ جۈنجېڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدە مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، غەرب دۆلەتلىرى ئەڭ كۆپ جازا يۈرگۈزگەن خىتاي ئەمەلدارىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ سەۋەبلىك خىتاينىڭ بۇنىڭدىكى مەقسىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى كېيىنكى سىياسىتى ھەققىدە تۈرلۈك پەرەزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

بۇ خەۋەر 1450 قېتىم كۆرۈلدى
20/10/2021 15:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق