خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، باشقا مىللەتلەرگە بولغان خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىمۇ كۈچەيتىشكە باشلىدى.
خىتاي دائىرىلىرى ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرى يېڭى ئون يىللىق (2030-2021) «بالىلار تەرەققىيات تېزىسى»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، باشقا مىللەت ياش-ئۆسمۈرلىرىگە قارىتىلغان خىتايچە تىل-يېزىق تەربىيەسىنى مەجبۇرىي كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئاشكارا تەشۋىق قىلغان. مەزكۇر پىروگراممىنىڭ ئالدىنقى نۇسخىسىنىڭ 3-بابى 4-ماددىسىدا «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا تەربىيەلىنىش ھوقۇقى ھۆرمەت قىلىنىدۇ ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ» دېگەن جۈملىلەر ئورۇن ئالغان بولۇپ، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان يېڭى نۇسخىسىدا يۇقىرىقى جۈملىلەر چىقىرىۋېتىلگەن ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا «(خىتاي) ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش» دېگەن جۈملىلەر ئالماشتۇرۇلغان. بۇ ئەمەلىيەتتە: «كەلگۈسىدە باشقا مىللەت بالىلىرى پەقەت خىتاي تىلىدا ئوقۇيدۇ ۋە سۆزلەيدۇ، ئۆزىگە تەۋە تىل-يېزىق ئىشلىتىلمەيدۇ» دېگەنلىك بولىدىكەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى باشقا مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقى بىلەن باراۋەر، دەپ كۆرسەتكەن ۋە خىتاينىڭ بۇرۇنقى ساختا نىقابىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئوچۇق-ئاشكارا ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلەشكەن.
تەيۋەن ياڭمىڭ قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى پەن مېيلىڭ خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى نەتىجىسىدە، باشقا مىللەتلەرنىڭ كەلگۈسىدە ئۆز مەدەنىيىتىنى يوقىتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا خىتاينىڭ نۆۋەتتە خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنى بالىلار تەربىيەسىدىن باشلىغانلىقىنى، خىتاي ئاققۇنلىرىنى كۆپلەپ كۆچۈرۈپ يەرلەشتۈرۈشنىڭمۇ ئەمەلىيەتتە ئومۇميۈزلۈك خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.
خەۋەردە يەنە خىتاينىڭ تىل سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىشتىن باشقا، يېقىنقى يىللاردا يەنە ھەرقايسى ئاتالمىش «ئاپتونوم رايون»لاردا يەرلىك بولمىغان ئەمەلدارلارنى رەئىسلىكىگە تەيىنلەشكە باشلىغانلىقى، ئاتالمىش «ئاپتونومىيە» سىياسىتىنىڭمۇ پەقەت قۇرۇق نامىلا قالغانلىقى قەيت قىلىنغان.