بايدېن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى ناتسىستلارنىڭ قىرغىنچىلىقى بىلەن بىر قاتارغا تىزدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېن ئالدىنقى ھەپتىدىكى بىر نۇتۇقىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى ناتسىستلارنىڭ قىرغىنچىلىقى بىلەن بىرگە تىلغا ئالغان بولۇپ، بۇ خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئالدىنقى جۈمە كونېكتىكۇت ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى «دود ئىنسان ھەقلىرى مەركىزى»نىڭ پۈتۈش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلىگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى ھەققىدىمۇ توختالغان. ئۇ سۆزىدە ناتسىست گېرمانىيە سوتلانغان نۇرېمبېرگ سوتىنى تىلغا ئېلىپ: «نۇرېمبېرگ سوتى بىزگە ئىنسان تەبىئىتىنىڭ رەزىل تەرىپىنى، ئىنسانلارنىڭ ھەرقانداق جىنايەتلەرنى سادىر قىلالايدىغانلىقىنى، نۇرغۇنلىغان ۋەھشىيلىكلەرنى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ تاسادىپىي يۈز بەرمىگەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. بۇلار تاسادىپىيلىق ئەمەس، بەلكى تاللاشنىڭ، يەنى شەخسلەر ۋە دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ تاللىشىنىڭ نەتىجىسى» دېگەن.

ئۇ نۇتۇقىدا يەنە: «بۇ خىل ئەندىزە ۋە تاللاشنىڭ بىز مۇشۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقان ۋاقىتتا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز» دېگەن ۋە شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇۋاتقانلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى، روھىنگالىقلارنىڭ ھەربىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن باستۇرۇلغانلىقى، ئېفىيوپىيە پۇقرالىرىغا ئاشلىقنى ئۈزۈۋېتىش، جىنسىي زوراۋانلىق قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن تەھدىت سېلىنغانلىقى قاتارلىقلارنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن.

خوڭكوڭ جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتا گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان تەھلىلدە: «بايدېن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كەلگۈسىدە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى تاشقى سىياسىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە دەپ قارايدىغانلىقى ھەققىدە ئەڭ يېڭى سىگنال بەردى» دېيىلگەن.

بايدېننىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان بولۇپ، خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى بايدېننى سابىق پىرېزىدېنت دونالد تىرامپتىنمۇ ئاشۇرۇۋەتتى، دەپ قاراشقان. خىتاي تاراتقۇسى يەرشارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ 17-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي غەربىي جەنۇب سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى جۇ يىڭ: «بايدېننىڭ سۆزى مۈجمەل، ئەمما رەزىللىك بىلەن تولغان» دەپ جار سالغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 18-ئۆكتەبىر نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئېزىلىۋاتىدۇ ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتىدۇ، دېگەن سۆزلەر پۈتۈنلەي يالغان. ئۇ يەردە خەلق تىنچ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى قانۇن بويىچە تولۇق قوغدىلىدۇ» دەپ بىلجىرلىغان.

بىر قىسىم خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگانلىرىمۇ بۇنىڭغا باھا بېرىپ، تىرامپ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ئامېرىكىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىتىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بولسا بۇ قېتىم يەنە ئىلگىرىلىگەن ھالدا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى ناتسىست گېرمانىيەنىڭ يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلغانلىقىغا سېلىشتۇرغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

بۇ خەۋەر 630 قېتىم كۆرۈلدى
20/10/2021 12:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق