خىتاي ئاۋمېنغا قارىتا كونتروللۇقنى كۈچەيتتى

خىتاي يېقىنقى مەزگىللەردە ئاۋمېنغا قارىتا كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن بولۇپ، خىتاي ئىلگىرى ۋەدە قىلغان «يۈكسەك ئاپتونومىيە»نىڭ پەقەت قۇرۇق نامىلا قالغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي پورتۇگالىيەنىڭ سابىق مۇستەملىكە رايونىنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى گۇاڭجۇ بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى قىلىپ،بىرلەشتۈرۈپ، ئاۋمېندىكى قىمارخانىلارنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتكەن ھەمدە يەرلىك قانۇن كېڭىشى سايلىمىنى كونترول قىلغان.

ئاۋمېن خوڭكوڭغا ئوخشاش خىتاينىڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى بولۇپ، ئەسلى قائىدە بويىچە، خىتاينىڭ ئاتالمىش «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» رامكىسى ئاستىدا يۈكسەك ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك ئىكەن. ئاۋمېن نۆۋەتتە ئۇنىڭغا قوشنا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى تەرىپىدىن يېقىن ئەتراپتىكى خېڭچىن ئارىلى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئالاھىدە باج رايونى ۋە باشقا ئالاھىدە سىياسەتلەرنى يولغا قويۇلىدىغان ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون ئېچىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن. خىتاينىڭ بۇنىڭدىكى مەقسىتى ئاۋمېننىڭ ئىقتىسادىنى ئويۇن كەسپىدىن پۇل-مۇئامىلە، پەن-تېخنىكا، خىتاي تېبابىتى، ساياھەت، كۆرگەزمە ۋە سودا ساھەلەرگە بۆلۈش ئارقىلىق ئۆزى ئويلىغىنى بويىچە كونترول قىلىش ئىكەن.

ئاۋمېندىكى قىمار ۋە ئويۇن كەسپىنىڭ مەسلىھەتچىسى بېن لى ئامېرىكا ئاۋازىغا ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ ئەسلى مەقسىتى ئويۇن كەسپىنىڭ ھەرگىزمۇ ئاۋمېننىڭ ئىقتىسادىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا يول قويماسلىق بولۇپ، بۇ ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ خىتايغا تايىنىپ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئۆزگەرتىش ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي يېقىندا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قىمارخانا شەھىرىدىكى قىمارخانا تىجارىتىنى كونترول قىلغان. ئاۋمېن ھۆكۈمىتى يېڭى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چارىسىنى ئېلان قىلغان. نەتىجىدە خىتاي ئەمەلدارلارنى ئەۋەتىپ، شىركەت قىمارخانىلارنىڭ يۈرۈشتۈرۈلۈشىنى نازارەت قىلغان بولۇپ، ئويۇن كەسپىنىڭ پاي باھاسى بۇ يىل 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۈچتىن بىر قىسىمغا يېقىن تۆۋەنلىگەن. خىتاي نازارەتچىلىرىنى ئەۋەتىپ، قىمارخانا تىجارىتىگە قاتناشتۇرغان. خىتاينىڭ يېڭى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرى قىمارخانا تىجارەت كىنىشكىسى سانىغا چەك قويغان. ئاۋمېندىكى ئالتە چوڭ قىمارخانىنىڭ يېرىمى ئامېرىكا شىركەتلىرىگە تەۋە بولۇپ، پۇللار ئاۋمېندىن ئامېرىكىغا ئاقىدىكەن. شۇ سەۋەبلىك خىتاي ئويۇن كەسپىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتكەن.

بۇ يىل 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى قانۇن كېڭىشى سايلىمىدا، سايلىغۇچىلارنىڭ قاتنىشىش نىسبىتى ئاران %42 بولۇپ، ئاۋمېننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى 1999-يىلى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نىسبەتكە چۈشۈپ قالغان. خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى قاتتىق ئەيىبلىگەن بولسىمۇ بىراق ئاۋمېن ھۆكۈمىتى سايلامنىڭ پۈتۈنلەي ئاۋمېننىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى، تاشقى دۇنيانىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ خەۋەر 1034 قېتىم كۆرۈلدى
19/10/2021 16:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق