ئاۋسترالىيە ئەقىل ئامبىرى خىتاينىڭ باستۇرۇشلىرى ھەققىدە يېڭى دوكلات ئېلان قىلدى

ئاۋسترالىيە ئەقىل ئامبىرى بۈگۈن شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار يېڭى بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى» ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى بۈگۈن ئېلان قىلغان يېڭى دوكلاتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قىلىۋاتقان زىيانكەشلىك قىلمىشى تەھلىل قىلىنغان. دوكلاتتا شەرقىي تۈركىستاندا ئاشكارىلانغان مىڭلىغان ساقچى دوكلاتى ۋە باشقا رەسمىي ھۆججەتلەر نەقىل ئېلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باشقۇرۇش ئەندىزىسىنىڭ ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدە تەشۋىق قىلىنغان ئاتالمىش «قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى» بىلەن نۇرغۇن ئوخشاشلىقى بارلىقى كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئىلگىرى ئاشكارىلانغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكتىن باشقا، شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىدە قالغان يەرلىك ئاھالىلەرمۇ سىياسىي خاراكتېرلىك تىياتىرلارنى كۆرۈشكە، ئوچۇق ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنى، پاش قىلىش ۋە تەنقىدلەش يىغىنى، قەسەم قىلدۇرۇش يىغىنى، سىياسىي دەرسلىك، شوئار توۋلاش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا مەجبۇرلانغان.

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، خىتاي ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىش جەريانىدا، بەش مۇھىم سىياسەتنى يولغا قويۇپ، كومپارتىيەنىڭ سىياسەت سىستېمىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭدۈرگەنلىكىنى بايقىغان. بۇ بەش مۇھىم سىياسەت ئولتۇراق رايوندا ساقچىخانا تەسىس قىلىش، تور باشقۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىش ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە ياشاش، ئۈچ كىشىلىك نازارەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە ئون ئائىلە بىرلەشمە مۇداپىئە مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

دوكلاتتا دېيىلىشىچە، بۇ سىياسەتلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى مەھەللە ۋە يېزا ئەمەلدارلىرىغا ئالاھىدە ھوقۇق بەرگەن بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ھەرىكىتى ۋە ھېسسىياتىنى نازارەت قىلىشىغا يول قويغان. بۇ ئارقىلىق جەمئىيەتتە، قورقۇنچلۇق كەيپىيات پەيدا قىلغان. مەسىلەن: ئۇيغۇر ياشنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئېلان قىلغان ھاياتقا بولغان ئۈمىدسىزلىكى «رايون مۇقىملىقىغا تەھدىت» دەپ قارىلىپ، يەرلىك ساقچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلانغان.

دوكلاتنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ بىرى بولغان ئاۋسترالىيە لا تروبې ئۇنىۋېرسىتېتى (La Trobe University) خىتاي مىللىي سىياسىتى پىروفېسسورى جېيمىس لېبولد (James Leibold) مۇخبىرىغا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاھالە كومىتېتنى كونترول قىلىش مېخانىزمىنىڭ خىتاينىڭ ئاساسىي قاتلامنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ نىشانى ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئوخشىمىغان پىكىر ۋە مۇقىمسىزلىقنى تۈگىتىشكە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ھوقۇقىنى جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىغىمۇ كېڭەيتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش قوماندانلىق ئورگىنى» قۇرۇپ چىقىپ، «بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بىرلەشمە مەشغۇلات سۇپىسى» ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزەتكەن ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە نۇرغۇن شەخسىي ئۇچۇرلارنى توپلىغان. دوكلاتنىڭ ئاپتورى يەنە خىتاينىڭ رەزىل نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئاساسى قانۇنىغا زىت يېڭى بەلگىلىمە چىقارغانلىقىنى بايقىغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر قىسىم يەرلىك ئەمەلدارلار ئۇيغۇرلارنى مەلۇم رايوندىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن، پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان.

دوكلاتتا، ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ساقچى مۇتەخەسسىسلەرنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش ھەرىكىتى ھەققىدىكى بىر بۆلۈك خاتىرە بىلەن تەمىنلىگەن. ساقچىلارنىڭ خاتىرىسىدە ئاشكارىلىنىشىچە، بىر قىسىم تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدارلار شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنى «جەمئىيەتتىن نارازى»، «مۇقىم ئادرېسى يوق» ياكى «مۇقىم كىرىمى يوق» دەپ قولغا ئالغان. دېلونىڭ بىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، ئىكرام ئىمىن ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر 2017-يىلى پەقەت يەرلىك ساقچىلارنىڭ قولغا ئېلىش ۋەزىپە سانىنى تولدۇرۇشى ئۈچۈن، قايتا تەربىيەلەش لاگېرىغا سولانغان. كېيىن ئىكرام ئىمىن كېيىن لاگېرىدا ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان، ئەمما داۋالىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن. يەرلىك ساقچىلار ئايالىنىڭ ئۇنىڭغا دورا ئەۋەتىپ بېرىشىنىمۇ چەكلىگەن.

دوكلاتنىڭ ئاپتورى توپلىغان رەسمىي ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتايلارنىڭ ئورنىمۇ يۇقىرى كۆرۈلگەن بولۇپ، ئالدىنقى قاتاردىكى ئەمەلدارلارنىڭ كۆپىنچىسى خىتاي ئىكەن. 2021-يىلى 9-ئايغىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى ئۇيغۇر بولىدىغان ئەھۋال پۈتۈنلەي قالمىغان.

دوكلات ئاپتورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئۆزلىرى ۋەدە قىلغان ئاتالمىش «مىللىي ئاپتونومىيە»نى يوقاتقان بولۇپ، بۇ خىتايلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت يادروسىدىكى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئىرقچىلىقنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

مەزكۇر دوكلاتتا، ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە يۆ نىڭ ۋە 2021-يىلى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان ياڭ فاسېن قاتارلىقلارنىڭ ئىسمىنى مەخسۇس تىلغا ئالغان. بۇنىڭ ئىچىدە ياڭ فاسېن ئاتالمىش «قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى» مودېلىنى ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم شەخسلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

دوكلات ئاپتورىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەشۋىق قىلغان ئاتالمىش «مەخسۇس تەربىيەلەش» جازا لاگېرلىرىدىلا ئەمەس، جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىمۇ شەكىللەنگەن بولۇپ، خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە تىلىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغان.

دوكلات ئاپتورىنىڭ بىرى لېي گوجۈن مۇخبىرغا شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ خىتاينىڭ تېخىمۇ كېڭىيىۋاتقان مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىنغان ئاتالمىش «مۇقىملىقنى قوغداش» نامىدىكى ۋەھشىي ئۇسۇللارنى خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىدىمۇ ئىجرا قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1549 قېتىم كۆرۈلدى
19/10/2021 15:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق