ئوستىن: خىتاينىڭ قورال-ياراغ تەرەققىياتىغا دىققەت قىلىۋاتىمەن

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويىد ئوستىن خىتاينىڭ ئىلغار قورال-ياراقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قىلمىشىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئوستىن 18-ئۆكتەبىر كۈنى ۋاشىنگتوننىڭ خىتاينىڭ ئىلغار قورال سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەرىكىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما خىتاينىڭ يادرو ئىقتىدارىغا ئىگە دەرىجىدىن تاشقىرى ئاۋازدىن تېز باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرگە باھا بېرىشنى رەت قىلغان. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئوستىن گىرۇزىيە زىيارىتى جەريانىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا يۇقىرىقى سۆزلەرنى قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى 18-ئۆكتەبىر كۈنى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ 7-ئايدا ئالەم كېمىسىنى سىناق قىلغانلىقىنى، ئەمما ئەنگلىيە پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى خەۋەر قىلغىنىدەك بۇ سىناقنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئاۋازدىن يۇقىرى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ماشىنا ۋە ھەربىي تور بېكىتى «Drive» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان سۈرەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە، لۇڭتيەن، خۇيئەن ۋە جاڭجۇ بازىلىرىنىڭ ئۈستىدە تارتىلغان سۈرەتلەردە قورال – ياراق ساقلاش پونكىتى ۋە يېڭى مەمۇرىي بىنالارنىڭ سېلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئەڭ ئاز دېگەندە بەش ساقلاش پونكىتى ئاشكارىلانغان. مەزكۇر بازىلاردىكى قۇرۇلۇش خىزمىتى 2020-يىلىنىڭ بېشىدا باشلانغان بولۇپ، يۇقۇم مەزگىلىدىمۇ داۋاملاشقان.

بۇ خەۋەر 660 قېتىم كۆرۈلدى
19/10/2021 15:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق