توك قىسلىقى ۋە ئۆي-مۈلۈك كىرىزىسى خىتاي ئىقتىسادىنى ئاجىزلاشتۇرماقتا

خىتايدا قەرز كىرىزىسىنىڭ ئۆي-مۈلۈك كەسپىگە كېڭىيىپ كېتىشى ۋە توك قىسلىقى ئىشلەپچىقىرىشقا تەسىر كۆرسەتكەنلىكتىن، خىتاينىڭ ئۈچىنچى پەسىللىك ئىقتىسادىي ئېشىش نىسبىتى مۆلچەردىكىگە يەتمىدى.

خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 18-ئۆكتەبىردىكى باياناتىدا خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %4.9 ئاشقانلىقى، بۇ يىلقى ئېشىش مۆلچەرىنىڭ %5 ئەتراپىدا بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئۆي-مۈلۈك بازىرىنى قاتتىق كونترول قىلىشى قۇرۇلۇش پائالىيىتىنى چەكلەپ، بۇ ساھەگە بولغان مەبلەغنى ئازايتقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خېڭدا گۇرۇھىنىڭ قەرز كىرىزىسى ئاستا-ئاستا باشقا ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرىگە كېڭىيىپ، بۇ ساھەنى داۋاملىق ئاۋارىچىلىققا دۇچار قىلغان. قۇرۇلۇش خىتاي ئىقتىسادىدا زور رول ئوينايدىغان ساھەلەرنىڭ بىرى بولغاچقا، بۇ ساھەدىكى توختاپ قېلىش پۈتكۈل ئىقتىسادقا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن.

ئۆي-مۈلۈك كەسپىدىن باشقا، 9-ئايدىكى توك قىسلىقى زاۋۇتلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى چەكلەشكە ياكى پۈتۈنلەي تاقاشقا مەجبۇرلىغان.

ئۆي-مۈلۈك ۋە ئېنېرگىيە كىرىزىسىنىڭ تەسىرى مەزكۇر شىركەتلەر بىلەن توختام تۈزگەن پولات-تۆمۈر، سېمونت قاتارلىق ساھەلەردىمۇ ئىپادىلەنگەن بولۇپ، 9-ئايدا خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى بىر يىل ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 0.9 تۆۋەنلىگەن، كۆمۈر ئىمپورتى بولسا %76 ئاشقان.

ئامېرىكا بانكىسىنىڭ خىتايدىكى باش ئىقتىسادشۇناسى ھېلېن چياۋ بىلۇمبېرگ تېلېۋىزىيە قانىلىغا قىلغان سۆزىدە: «ئېھتىياجنىڭ مەبلەغ سېلىش تەرىپى بىر قەدەر ئاجىز، تەمىنلەش تەرىپى قىسىلىپ قالدى، تۆتىنچى پەسىللىك ئېشىش %4-3 كە تۆۋەنلەيدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

ئەمما خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ بولسا رېئاللىققا كۆز يۇمغان ھالدا خىتاي ئىقتىسادى ھەققىدە ئىشەنچ بىلەن سۆز قىلىپ،خىتاينىڭ بۇ يىل خىلمۇخىل مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «خىرىسلارنى يېڭىپ چىققانلىقى»نى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 669 قېتىم كۆرۈلدى
19/10/2021 14:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق