خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق تەييارلىقلىرى دۇنيانى ھەيران قالدۇردى

يېقىندا خىتاي رېجىمىنىڭ تەيۋەننى بېسىۋېلىش ئۈچۈن تەييارلىغان ھەربىي پائالىيەتلىرى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ئارقىلىق خەلقئاراغا ئاشكارىلاندى.

مىللىيەت تورىنىڭ 18-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ تەيۋەنگە يېقىن جايدا ھەربىي ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى يوشۇرۇن تاجاۋۇزچىلىق پىلانىنىڭ ئەڭ يېڭى يىپ ئۇچى سۈپىتىدە ئاشكارىلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبى دېڭىز قىرغىقىدىكى فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى ئۈچ بازا تەيۋەن بىلەن ھاۋا توقۇنۇشى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىغا قارشى يېڭىلانغان ۋە مۇداپىئەسى كۈچەيتىلگەن. بۇ كۆرۈنۈشلەر خىتاي ھاۋا ئارمىيەسى 1-ئۆكتەبىردىن 4-ئۆكتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا تەيۋەن ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا كۆپ قېتىم تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن ئاشكارىلانغان.

لۇڭتيەن، خۇيئەن ۋە جاڭجۇ بازىلىرىنىڭ ئۈستىدە تارتىلغان سۈرەتلەردە قورال-ياراغ ساقلاش پونكىتى ۋە يېڭى مەمۇرىي بىنالارنىڭ سېلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئاز دېگەندە بەش ساقلاش پونكىتى ئاشكارىلانغان. پىلانېت تەجرىبىخانىسى تەرىپىدىن تارتىلغان ۋە ئامېرىكا ماشىنا ۋە ھەربىي تور بېكىتى «Drive» تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغان سۈرەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ كۆپىنچىسى 1980-يىللارغا تۇتىشىدىغان بازىلاردىكى قۇرۇلۇش خىزمىتى 2020-يىلىنىڭ بېشىدا باشلانغان بولۇپ، ۋىرۇس مەزگىلىدىمۇ داۋاملاشقان.

بۇنىڭ ئىچىدە لۇڭتيەن ھاۋا ئارمىيە بازىسى بۇرۇنقىدىن كېڭەيتىلگەن ۋە ھاۋا مۇداپىئە رايونىغا ماسلاشتۇرۇلغان. ھازىر بۇ رايوندا كەم دېگەندە بەش ساقلاش پونكىتى ياكى ئامبىرى قۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، يېڭى مەمۇرىي بىنالارمۇ پەيدا بولغان.

پىلانېت تەجرىبىخانىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىن ئەتراپتىكى خۇيئەن بازىسىدا ئوق-دورا ساقلاشقا ئىشلىتىلىدىغان بومبىغا قارشى مۇداپىئەلىنىش كۈچى بولغان ئايروپىلان پاناھلىنىش ئورۇنلىرى بار بولۇش ئېھتىماللىقى چوڭ ئىكەن.

خىتاي تەيۋەننى قولىغا ئېلىش ئۈچۈن «ئۆلگىچە كۈرەش قىلىش» توغرىسىدا ۋەدە بېرىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن، خىتاينىڭ ئورگان گېزىتى بېيجىڭ ئارمىيەسىنىڭ «ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۇرۇش قىلىشقا تەييار» ئىكەنلىكىنى يازغان بولۇپ، بۇ ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن تەيۋەن ئارمىيەسىمۇ ھوشيارلىقنى ئۆستۈرگەن.

بۇ خەۋەر 917 قېتىم كۆرۈلدى
18/10/2021 18:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق