گېرمانىيە سىياسىي پارتىيەسى: خىتاي ناتسىستچە ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە باشلىدى

گېرمانىيە لىبېرال دېموكراتچىلار پارتىيەسى خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارىتا پوزىتسىيەسىدە بارغانسېرى ھەددىدىن ئېشىپ، «ناتسىستچە» سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە باشلىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيە لىبېرال دېموكراتچىلار پارتىيەسى خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان تەھدىت سۆزلىرىدە ناتسىستلارچە ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە باشلىغانلىقىنى، بۇ جەھەتتە «يېڭى پەللە» ياراتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ تەشۋىقات ئورگىنى بولغان يەرشارى ۋاقىت گېزىتى تىۋىتتېر ھېسابىدا «تەيۋەن مەسىلىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلىش چارىسى» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن بولۇپ، تەيۋەنگە بېسىپ كىرىدىغانلىقىغا يوشۇرۇن ئىشارەت قىلغان.

گېرمانىيە لىبېرال دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى مۇلېر رۇسېنترىت بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئەگەر خىتاينىڭ بىر تەشۋىقات ئورگىنى تارىخىي مەسئۇلىيىتى بولغان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ ھەرىكەت قىلسا، بۇنداق تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا بىزنىڭ بارلىق ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرىمىز ياڭراپ كېتىشى كېرەك» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ناتسىست گېرمانىيە رېجىمى 1941-يىلىدىن تارتىپ «يەھۇدىيلار مەسىلىسىدىكى ئاخىرقى ھەل قىلىش چارىسى» دېگەن ئىبارىنى كۆپلەپ ئىشلىتىشكە باشلىغان. كېيىن يەھۇدىيلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشى بىلەن، بۇ ئىبارىنىڭ سېسىق نامى پۇر كەتكەن.

يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي تەيۋەنگە قارىتا پاراكەندىچىلىك ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، ئاتالمىش «تەيۋەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش» نىيىتىنىمۇ كۆپلەپ تەكىتلىگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە گېرمانىيە خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويۇشتىن ئەنسىرىگەنلىكى سەۋەبلىك، تەيۋەن بىلەن غەيرىي رەسمىي دىپلوماتىك ئالاقىنى ساقلىغان بولۇپ، سۈلھى ۋە ھەمكارلىق ئۇسۇلى بىلەن خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشىنى توسۇشقا تىرىشىدىكەن، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىي كۈچىنى ئىشلەتمەيدىكەن.

بۇ خەۋەر 737 قېتىم كۆرۈلدى
18/10/2021 14:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق