بايدېننىڭ كىلىمات ئەلچىسى جازا تىزىملىكىدىكى خىتاي شىركىتىگە مەبلەغ سالغان

ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى جون كېرىنىڭ ئامېرىكا جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن خىتاي شىركىتىگە مەبلەغ سالغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.

ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېننىڭ ئالاھىدە كىلىمات ئەلچىسى جون كېرى ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ خىتاي مەبلەغ سېلىش شىركىتى «گاۋلىڭ كاپىتال گۇرۇھى»دا ئاز دېگەندە بىر مىليون دوللارلىق پېيى بارلىقى ئاشكارىلانغان. ھالبۇكى، گاۋلىڭ كاپىتال گۇرۇھى خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى سەۋەبلىك ئامېرىكىنىڭ جازا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن يىتۇ تور تېخنولوگىيە شىركىتىنىڭ ئەڭ چوڭ پاي ئىگىسى ئىكەن.

يىتۇ تور تېخنولوگىيە شىركىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان يۇقىرى تېخنىكىلىق كۆزىتىش ھەرىكىتىگە چېتىشلىق بولۇپ، خىتاينىڭ ئىرق ۋە مىللەتنى ئاساس قىلغان چىراي تونۇش يۇمشاق دېتالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن. بۇ سەۋەبلىك 2019-يىلى تىرامپ ھۆكۈمىتى مەزكۇر شىركەتنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.

كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ماركو رۇبىيو بۇ مەسىلىسىگە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغان بولۇپ، ئۇ ئالدىنقى جۈمە فوكۇس خەۋەرلىرى تورىدا ماقالە يېزىپ، پىرېزىدېنت بايدېننى كېرىنى دەرھال ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا چاقىرغان. رۇبىيو ماقالىسىدە بايدېننىڭ پەقەت بىرلا تاللىشى بارلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ: «يا قۇل ئەمگىكىدىن پايدا ئالغان ئادەمنى قوللاش، يا ئۇنى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش كېرەك» دېگەن.

پىرېزىدېنت بايدېننىڭ كىلىمات مەسىلىسىدىكى ئالاھىدە ۋەكىلى جون كېرىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پارنىك گازى چىقارغۇچى خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇنازىرىلىرى ئىزچىل دىققەت تارتىپ كەلگەن. ئالدىنقى ئايدا جون كېرى مۇخبىرنىڭ كىلىمات مەسىلىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قانداق تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا دۇچ كەلگەندە: «كىشىلىك ھايات قىيىن تاللاشلار بىلەن تولغان» دەپ جاۋاب بەرگەن.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ئالدىنقى ئايدا ئۆز ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جون كېرىنىڭ كېڭەش پالاتاسى تەستىقلىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى»نىڭ ماقۇللىنىشىغا قارشى لوبىچىلىق قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى.

بۇ خەۋەر 910 قېتىم كۆرۈلدى
18/10/2021 11:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق