ئالما شىركىتى خىتاينىڭ تەلىپى بويىچە قۇرئان ئەپ دېتالىنى ئۆچۈرۈۋەتتى

ئالما شىركىتى خىتاي رېجىمىنىڭ تەلىپى بويىچە خىتايدىكى ئەپ بازىرىدىن قۇرئان كەرىم  ئەپ دېتالىنى ئۆچۈرۈۋەتكەن بولۇپ، خىتاي دەۋا قىلىپ كېلىۋاتقان ئاتالمىش «دىنىي ئەركىنلىك سىياسىتى»نىڭ ئەپتى-بەشىرىسى يەنە بىر قېتىم دۇنياغا ئاشكارىلاندى.

ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ خىتاي رېجىمىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن خىتايدىكى ئالما ئەپ بازىرىدىن «قۇرئان مەجىد» ناملىق ئەپ دېتالىنى ئۆچۈرۈۋەتكەنلىكى ئاشكارىلانغان بولۇپ، ئالما شىركىتى بۇ مەسىلىگە ئالاقىدار ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىغان. خىتاي دائىرىلىرىمۇ بۇ ھەقتە تېخى ئىپادە بىلدۈرمىگەن. ب ب س نىڭ ئىگىلىشىچە، مەزكۇر ئەپنىڭ ئۆچۈرۈلۈش سەۋەبى ئىچىدە ئاتالمىش «قانۇنسىز دىنىي مەزمۇن» بولغانلىقى ئۈچۈن ئىكەن.

بۇلاردىن سىرت، يەنە بىر ئىنجىل ئەپ دېتالى ياسىغۇچى شىركەتمۇ خىتاينىڭ «ئالاقىدار رۇخسەتلەر تولۇق ئەمەس» دېگەن باھانىسى سەۋەبلىك، ئۆزلىرىنىڭ ئەپ دېتالىنى ئۆچۈرۈشكە مەجبۇر بولغان.

«قۇرئان مەجىد» ئەپ دېتالىنى ياسىغان پاكىستان سانلىق مەلۇمات باشقۇرۇش مۇلازىمىتى شىركىتى ئېلان قىلغان باياناتتا، ئۇلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرىدىن بۇ توغرۇلۇق تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ساقلاۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. كاراچىغا جايلاشقان بۇ شىركەتنىڭ ئەپ دېتالىنىڭ خىتايدا بىر مىليون ئەتراپىدا، دۇنيا مىقياسىدا 40 مىليون ئەتراپىدا ئابۇنىسى بار ئىكەن.

بۇ ۋەقە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋىتى كېڭىشى ئالما شىركىتىنى «خىتاينىڭ مۇسۇلمانلار ۋە باشقا دىن ئېتىقادچىلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىشىغا ياردەم قىلدى» دەپ ئەيىبلىگەن. ئامېرىكا ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشىنىڭ مىللىي ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ئېدىۋارد ئەھمەد مىچېل (Edward Ahmed Mitchell) بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «بۇ قارار چوقۇم بىكار قىلىنىشى كېرەك. ئەگەر ئامېرىكا شىركەتلىرى نۆۋەتتە خىتايغا قارشى تىك تۇرالمىسا، ئۇلار كېيىنكى ئەسىردە دەرىجىدىن تاشقىرى فاشىست دۆلەتكە تايىنىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ» دېگەن.

بۇنىڭدىن سىرت، ئامازوننىڭ ئاۋازلىق كىتاب مۇلازىمىتى بولغان  Audible ئۈن-سىن مۇلازىمىتىمۇ ئىسلام ۋە خىرىستىيان دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىنى ئوقۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر قىسىم تېلېفون ئەپلىرىنى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئالما ئەپ بازىرىدىن چىقىرىۋەتكەن. Audible ئەپ دېتالىنىڭ «ئىجازەت تەلىپى» سەۋەبىدىن ئالدىنقى ئايدا خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئالما دۇكىنىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

گەرچە خىتاي رېجىمى باشتىن-ئاخىر ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىقىنى جار سېلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى خىتاينىڭ ھەقىقىي يۈزىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارىلاپ بەرمەكتە، شۇنداقلا خىتاينىڭ خەلقئارا تېخنىكا شىركەتلىرىگە بولغان كونتروللۇقى ۋە تەسىرىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

بۇ خەۋەر 1098 قېتىم كۆرۈلدى
16/10/2021 16:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق