مىكروسوفت خىتايدىكى يەنە بىر مۇلازىمىتىنى توختاتماقچى

مىكروسوفت شىركىتى خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان باشقۇرۇش سىياسىتى سەۋەبلىك، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا خىتايدىكى LinkedIn مۇلازىمىتىنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مىكروسوفت 14-ئۆكتەبىر بىلوگ سەھىپىسىدە: «2014-يىلى خىتايدا تىجارەت باشلىغان كەسپىي ئالاقە تور بېكىتى LinkedIn نۆۋەتتە خىرىسقا تولغان خىزمەت مۇھىتى ۋە تېخىمۇ كۈچەيگەن بويسۇنۇش تەلىپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى ئېلان قىلغان.

مىكروسوفت شىركىتى باياناتىدا يەنە LinkedIn نىڭ خىتايدىكى يەرلىك ئىشلەتكۈچىلىرىگە خاس قىلىنغان نۇسخىسىنى تەمىنلەشنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ تور سۇپىسىغا بولغان كونترول تەلىپىگە بويسۇنۇش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى كۈچلۈك تەرىقىدە قوللايدىغانلىقىنى، بۇ قارارىنىڭ خىتاي ۋە دۇنيادىكى ئۆز ئەزالىرى ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى بۇ يىلنىڭ بېشىدا مىكروسوفت شىركىتىگە تور مەزمۇنىنى نازارەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. بۇ ئىشتىن كېيىن مىكروسوفت شىركىتى خىتاي نازارەت تارماقلىرى چەكلىگەن بەزى مەزمۇن ۋە ھۆججەتلەرنى تىزگىنلەشكە باشلىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، LinkedIn خىتاي بازىرىدىن پۈتۈنلەي چېكىنمەيدىكەن. چۈنكى LinkedIn ھازىر خىتاينى يەنە خىزمەت ئىزدەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدا ئابۇنىتلارنىڭ مەزمۇننى ھەمبەھرىلەش تاللىشى يوق ئىكەن.

مىكروسوفت شىركىتى 2016-يىلى LinkedIn نى سېتىۋالغان بولۇپ، LinkedIn نىڭ نۆۋەتتە 774 مىليون ئابۇنىتى بار ئىكەن. نۆۋەتتە LinkedIn خىتاي ئابۇنىتلىرى ئۈچۈن ئېچىۋېتىلگەن بىردىنبىر ئامېرىكا ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ خەۋەر 781 قېتىم كۆرۈلدى
16/10/2021 14:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق