مېركېل: ياۋروپا خىتايغا قارشى ئورتاق ئاۋاز چىقىرىشى كېرەك

گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل ياۋروپانىڭ ئورتاق ئاۋاز چىقارغاندىلا، ئاندىن خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشىنى توسۇپ قالالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئىتتىپاقلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە چاقىردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل يۇقىرىقى سۆزلىرىنى ئىسپانىيەدە بىر مۇكاپات تۈرىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئېيتقان.

ئۇ سۆزىدە يەنە: «خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈپ، ئىقتىساد، سىياسىي ۋە ھەربىي چوڭ دۆلىتى بولۇپ قېلىشىغا تاقابىل تۇرۇشىمىز ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا ياۋروپانىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق ئاۋاز چىقىرىشىغا باغلىق» دېگەن، شۇنداقلا ياۋروپانىڭ بىردەك ئىتتىپاقلاشقاندىلا، ئاندىن كۈچىيىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئانگېلا مېركېلنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى يەنە بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ئاخىرلىشىدىكەن. ئۇ بۇ چارشەنبە شى جىنپىڭ بىلەن سىنلىق كۆرۈشۈپ، «خوشلىشىش سۆھبىتى» ئۆتكۈزگەن. شۇ كۈنى يەنە گېرمانىيەدىكى ئىقتىساد ساھەسىدىكىلەرنىڭ يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئىقتىساد ساھەسىدىكىلەرنى ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تەستىقلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە چاقىرغان. ئەمما ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، گېرمانىيەدە يېڭى ھۆكۈمەت ئالماشقاندىن كېيىن، ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنىڭ تەستىقلىنىش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ كىچىك بولىدىكەن.

بۇ خەۋەر 1091 قېتىم كۆرۈلدى
15/10/2021 12:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق