ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى تەيۋەن ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئامېرىكىدىكى تەيۋەن ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، خىتاي بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىخانىسى باياناتچىسى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ تەيۋەنلىك خادىملار بىلەن كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ئاتالمىش «بىر خىتاي پىرىنسىپى» ۋە خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچ بىرلەشمە باياناتقا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ھەمدە تاشقى دۇنياغا خاتا سىگنالى بەرگەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئامېرىكا تەرەپنىڭ ھەرىكىتىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى چارشەنبە يەنە ئورگان تور بېتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا رەھبەرلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ بىر خىتاي سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، بىراق بەرگەن ۋەدىسىنىڭ قۇرۇق گەپتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى جار سالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى 13-ئۆكتەبىر تىۋىتتېر ھېسابىدا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فېرناندېز (Jose W. Fernandez) ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىشلىرىنىڭ ياردەمچى كاتىپى كىرىتېنبرىنكنىڭ (Daniel Kritenbrink) تەيبېي ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ۋاكالەتخانىسىنىڭ ۋەكىلى شياۋ مېيچىن بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى  ئېلان قىلغانىدى.

تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىمۇ شۇ كۈنى ۋاشىنگتوننىڭ تەيۋەنگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىگە كاپالەت بېرىپ، تەيۋەنگە بەرگەن ۋەدىسىنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

بۇ خەۋەر 796 قېتىم كۆرۈلدى
15/10/2021 12:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق