ھىندىستان ئارمىيەسى بىلەن خىتاي ئارمىيەسى 9-ئۆكتەبىر لاداختا 13-نۆۋەتلىك ھەربىي سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، 8 يېرىم سائەت داۋاملاشقان سۆھبەت بۇزۇلۇش بىلەن ئاخىرلاشقان. ئىككى تەرەپ بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزئارا تەنقىد قىلىشقان.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان بىلەن خىتاي تەرەپ ئۆتكۈزگەن 13-نۆۋەتلىك چېگرا سۆھبىتى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ 100 مىڭ ئەسكىرى ئوتتۇرىسىدىكى 17 ئاي داۋاملاشقان تىركىشىش يەنە باشلانغان.
«بۈگۈنكى ھىندىستان» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لاداختا ئۆتكۈزۈلگەن مەخپىي يىغىندا ھىندىستان ئارمىيەسى گېنېرالى ناراۋان خىتاي ئارمىيەسىنىڭ رايوندا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سېلىش ۋە ئەمەلىي كونترول سىزىقى ئەتراپىغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇش قىلمىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقىنى ئىپادىلەپ: «ئەگەر خىتاي رايوندىن چېكىنمەي قېپقالسا، بىزمۇ شۇنداق قىلىمىز» دېگەن. نۆۋەتتە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي كونترول سىزىقى ئەتراپىدا تەخمىنەن 50 ياكى 60 مىڭدىن ئەسكىرى بار ئىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي لاداخنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئەمەلىي كونترول لىنىيەسى بويىدا ئون نەچچە ئورۇنغا ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش بىناسى سالغان. ئۇندىن باشقا يەنە يېڭى تىك ئۇچار ئايروپىلانى ئۇچۇش يولىنى ياساپ كېڭەيتىپ، يېڭىدىن يەردىن قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە رادار بازىسى قۇرغان.
خىتاي ئارمىيەسىنىڭ غەربىي قىسىم ئۇرۇش رايونى باياناتچىسى لۇڭ شاۋخۇا بايانات ئېلان قىلىپ، ھىندىستان تەرەپنىڭ ئەقىلگە سىغمايدىغان ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان تەلەپلەردە چىڭ تۇرغانلىقى سەۋەبلىك، سۆھبەتنىڭ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھىندىستان تەرەپ بولسا ئىككى تەرەپنىڭ تىركىشىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبچىسىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ رايونغا خالىغانچە ئەسكەر كۆپەيتىپ، ھىندىستان تەرەپنىڭ تەكلىپىگە قۇلاق سالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.