تالىبان ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈركىيەگە كەلدى

تالىبان ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۈگۈن ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى.

تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تالىباننىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئامىرخان مۇتتەقىينىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ھەيئەت تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئەنقەرەگە كەلگەن. بۇ تۈركىيەنىڭ تالىبان ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن تۇنجى قېتىم رەسمىي ئۇچرىشىشى ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇچرىشىشتا كابۇل ئايرودۇرۇمىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى، كۆچمەن مەسىلىسى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ئالاقىسى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇھىم نۇقتىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغان بولۇپ، سۆھبەتتىن ئىجابىي نەتىجىلەر كۈتۈلمەكتىكەن.

تالىبان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئامىر خان مۇتتەقىيمۇ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا بۇ خەۋەرنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئۇچۇردا: «ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، بۈگۈن تۈركىيەگە قاراپ يولغا چىقتى» دېيىلگەن.

تالىبان ۋەكىللىرى يەنە ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى بىلەن قاتار پايتەختى دوھادا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئافغانىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاننى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلىمەكچى بولغانلىقىنى، باشقا ئىنسانپەرۋەرلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ ئافغانىستانغا ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈشىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇشقا كېلىشكەنلىكىنى ئېيتقانىدى.

بۇ خەۋەر 1132 قېتىم كۆرۈلدى
14/10/2021 14:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق