خىتاي شەرقىي تۈركىستان پاختىسى ھەققىدە زور كۆلەملىك تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتى سەۋەبلىك خەلقئارا قاتتىق ئەيىبلەش، بايقۇت سادالىرىغا دۇچ كەلگەن خىتاي رېجىمى بارلىق تاراتقۇلىرىنى ئىشقا سېلىپ، شەرقىي تۈركىستان پاختىسى ھەققىدە غايەت زور كۆلەملىك تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ 100 دىن ئارتۇق تاراتقۇ سۇپىسى 12-ئۆكتەبىر ئاتالمىش «شىنجاڭ پاختىسى ئېچىلدى» دېگەن نامدا زور كۆلەملىك تور تەشۋىقاتى پائالىيىتىنى تەشكىللىگەن. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ۋاسىتىسى بولغان «ئانار بۇلۇت تېرمىنالى» باشلىغان ئاتالمىش «شىنجاڭ پاختىسى ئېچىلدى» ناملىق چوڭ تىپتىكى بىۋاسىتە تارقىتىپ خەۋەر قىلىش تەشۋىقاتى پۈتۈن خىتايدىكى 100 دىن ئارتۇق تاراتقۇ سۇپىسىدا ماس قەدەمدە كۆرسىتىلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر ساختا تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ پۈتۈن توردىكى بىر كۈنلۈك تارقىتىلىش مىقدارى 120 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ۋېيبودىكى سۆز تېمىسىنىڭ ئوقۇلۇش مىقدارى 60 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشقان. ئۇندىن باشقا پاختىغا ئالاقىدار سۆز تېمىلىرى ۋېيبو، دوۋيىن قاتارلىق ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىمۇ ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن تېمىلار تىزىملىكىگە كىرگەن. خىتاي پۇقرالىرىمۇ خىتاينىڭ مەزكۇر جىنايەتلىرىگە ۋە ساختا تەشۋىقاتىغا جۆر بولغان ھالدا، ئالقىش ياڭراتقان ئىنكاسلارنى ياغدۇرۇۋەتكەن.

مەزكۇر كۆز بويامچىلىق ھەرىكىتىنى ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ بىۋاسىتە تارقىتىش گۇرۇپپىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى ناھىيە دەرىجىلىك تاراتقۇ مەركەزلىرى بىرلىشىپ، ئاۋات ناھىيەسى، شايار ناھىيەسى، توقسۇن ناھىيەسى، شىخەنزە شەھىرى، بورتالا شەھىرىدىن ئىبارەت بەش جايدا ئۇدا ئۈچ يېرىم سائەت بىۋاسىتە تارقاتقاندىن باشقا يەنە، خىتاي خەلق تورى، خىتاي ئاخبارات تورى، يەر شارى تورى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، خىتاي ياشلار گېزىتى، تېڭشۈن خەۋەرلىرى، ئۈندىدار، دوۋيىن، كۈەيشوۋ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 120 نەچچە تاراتقۇ سۇپىسىمۇ ماس قەدەمدە بىۋاسىتە تارقاتقان.

خىتاي مەزكۇر تەشۋىقاتىدا يەنە كامېرالىق ئۇچقۇلار ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى پاختىلارنى ماشىنا ئارقىلىق تېرىش جەريانىنى سىنغا ئېلىپ بىۋاسىتە تارقاتقان بولۇپ، خىتاي بۇ ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتكە تەكرارلاپ كەلگەن شەرقىي تۈركىستاندىكى پاختىلارنىڭ ئادەم كۈچى بىلەن ئەمەس، بەلكى ماشىنا ئارقىلىق تېرىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا پاختا ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش جەريانىنىڭمۇ پۈتۈنلەي ماشىنىلاشقانلىقىدەك ساختا ئۇچۇرنى بەرمەكچى بولغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتى خەلقئاراغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئالاقىدار خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تۈرلۈك جازالارغا ۋە بايقۇت قىلىشقا ئۇچرىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك ئېغىر زىيان تارتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ قېتىم ئەڭ كۆپ دىققەت قوزغاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان پاختىسى ھەققىدە مەخسۇس ساختا مەيدان ياساش ئارقىلىق، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ۋە ئۆز ئىچىدە پىلانلىق جامائەت پىكىرى شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1454 قېتىم كۆرۈلدى
14/10/2021 14:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق