ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللەندى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تۈنۈگۈن 26 مۇتەخەسسىستىن تەشكىللەنگەن تەتقىقاتچىلار گۇرۇپپىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى خىتاي ۋىرۇسى مەنبەسىنى تەكشۈرۈشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 13-ئۆكتەبىر يېڭىدىن تەشكىللەنگەن 26 كىشىلىك تەتقىقاتچىلار گۇرۇپپىسىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر گۇرۇپپا خىتاي ۋىرۇسىنى تەتقىق قىلىش، خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ كەلگۈسىدە قايتىدىن يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يېقىندا تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن توختاپ قالغان خىتاي ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان.

مەزكۇر تەتقىقاتچىلار گۇرۇپپىسى «يېڭى تىپتىكى پاتوگېن مەنبەسى ئىلمىي مەسلىھەت گۇرۇپپىسى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر بۇ يىلنىڭ بېشىدا ۋۇخەنگە بېرىپ، خىتاي ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان.

مەزكۇر تەتقىقاتچىلار گۇرۇپپىسى خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ۋۇخەندىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىن تارقالغانلىقى ياكى تەجرىبىخانىدىن تارقىلىپ كەتكەنلىكىدىن ئىبارەت ئىككى خىل يەكۈنگە قارىتا تەتقىقات ئېلىپ بارىدىكەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ جىددىي ئەھۋال بۆلۈمى مەسئۇلى مايىل راين (Michael Ryan) بۇ تەتقىقاتچىلار گۇرۇپپىسىنىڭ خىتاي ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى ئېنىقلاپ چىقىشتىكى ئاخىرقى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاينىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى چېن شۈ  (日内瓦办事处大使陈旭) بولسا مەزكۇر تەتقىقاتچىلار گۇرۇپپىسىنىڭ «سىياسىيلاشتۇرۇلماسلىقى» كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە نومۇسسىزلىق بىلەن: «ھازىر ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن باشقا جايلارغا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىدىغان ۋاقىت كەلدى» دېگەن.

نۆۋەتتە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتايدىن ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق خىزمىتىگە ماسلىشىشنى ۋە رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي تەرەپ بۇنى تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن رەت قىلماقتا.

بۇ خەۋەر 652 قېتىم كۆرۈلدى
14/10/2021 14:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق