ئامېرىكا خىتاينى تەيۋەنگە بېسىم قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

خىتاي بىلەن تەيۋەننىڭ ۋەزىيىتى جىددىيلەشكەن بىر پەيتتە، ئامېرىكا ھەربىي ئەمەلدارلىرى خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، تەيۋەنگە رەھىمسىزلەرچە بېسىم چۈشۈرۈشنىڭ كۈتۈلمىگەن ئۇرۇش قوزغىلىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئاخبارات كاتىپى جون كىربى (John Kirby) 12-ئۆكتەبىردىكى باياناتىدا: «خىتاي تەيۋەن، شەرقىي دېڭىز ۋە جەنۇبىي دېڭىز ئەتراپىدىكى ھەربىي پائالىيەتلىرىنى كۆپەيتىپ، تەيۋەن ۋە ئىتتىپاقداشلارنى قورقۇتۇش ۋە بېسىم قىلىشنى كۈچەيتتى. بىز خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى مۇقىملىقىنى بۇزۇش دەپ قارايمىز. بۇ ھالەت پەقەت خاتا ھۆكۈم چىقىرىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ» دېگەن.

كىربى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە بەرگەن ۋەدىسىنىڭ يەنىلا مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «تەيۋەن بوغۇزىدىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىق بىزنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مەنپەئەتىمىزگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. شۇڭا بىز تەيۋەننىڭ يېتەرلىك مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ساقلاپ قېلىشقا داۋاملىق ياردەم قىلىمىز. بىز خىتاينىڭ ئىككى قىرغاقتىكى ئىختىلاپنى تىنچ ھەل قىلىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن ئالدىنقى يەكشەنبىدىكى دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا: «بىز دۆلەت مۇداپىئەسىنى داۋاملىق كۈچەيتىمىز، ئۆزىمىزنى قوغداش ئىرادىمىزنى نامايان قىلىمىز، ھېچكىمنىڭ بىزنى خىتاي بەلگىلىگەن يولدا مېڭىشقا زورلىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمىز» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاراتقۇلىرى ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرى ۋە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمىنىڭ تەيۋەندە تەيۋەن ئەسكەرلىرىنى مەشىق قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان. خىتاي ئالدىنقى ھەپتە تەيۋەننىڭ ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 150 دىن ئارتۇق ئايروپىلان ئەۋەتكەن بولۇپ، خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي پاراكەندىچىلىك قىلمىشىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ۋە ئىستىخبارات خادىملىرىدا ئەندىشە پەيدا قىلغان.

ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارلىرى بۇ يىل 6-ئايدا خىتاينىڭ تەيۋەننى قوراللىق بېسىۋېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىگە گۇمان بىلەن قارىغان بولۇپ،  ئامېرىكا ئىشتاب باشلىقلىرى بىرلەشمە كېڭىشىنىڭ رەئىسى گېنېرال مارك مىلى (Mark Milley) ئەينى ۋاقىتتا، «ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلماقچى بولسا، ئەمەلىي ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك» دېگەنىدى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ھۇجۇم قوزغاش ئېھتىماللىقىنىڭ ناھايىتى تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «مېنىڭچە خىتاينىڭ بۇ جەھەتتە ھەربىي ھەرىكەت قوزغاش مۇددىئاسى ئانچە كۈچلۈك ئەمەس، ئەمما تەيۋەننى قوشۇۋېلىش خىتاينىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى» دېگەنىدى.

بۇ خەۋەر 677 قېتىم كۆرۈلدى
14/10/2021 11:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق