G7 مەسلىھەتچىلىرى: ئىسلاھات ئارقىلىق خىتاينىڭ خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش كېرەك

يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ مەسلىھەتچىلىرى دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن، زور دەرىجىدە ئىسلاھات يۈرگۈزۈش ئارقىلىق، خىتاينىڭ كۈچىيىشى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يەتتە دۆلەت گۇرۇھى مەسلىھەتچىلىرى چارشەنبە لوندوندا ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، تەمىنلەش زەنجىرى، ۋاكسىنىنىڭ تارقىتىلىشى، مۇھىم مىنېرال ماددىلارغا ئېرىشىش، تور تەھدىتى، رەقەملىك باج، شىفىرلىق مۈلۈك ۋە كىلېمات ئۆزگىرىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىدا زور ئىسلاھات يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىكەن.

يەتتە دۆلەت گۇرۇھى ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسلىھەتچىلەر گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق رەئىسى، ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى مارك سېدۋىل (Mark Sedwill): «يەتتە دۆلەت گۇرۇھى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىپ، يېڭىدىن پەيدا بولۇۋاتقان خەتەر ۋە بۇزغۇنچىلىقنى بايقىشى كېرەك» دېگەن.

مەسلىھەتچىلەر يەنە خىتاينىڭ سۈنئىي ئىدراك ۋە بىيوتېخنىكا قاتارلىق ساھەسىدىكى بازاردا ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى قولغا كەلتۈرۈشنى نىيەت قىلغانلىقىنى، نۆۋەتتە بولسا دۇنيانىڭ يېشىللىققا ئۆزگىرىشى ئۈچۈن مۇھىم بولغان مىنېرال ماددىلارنى ئايرىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشتا ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

مەسلىھەت گۇرۇپپىسى يېڭى ئۇل ئەسلىھە ۋە تەتقىقات ساھەسىگە مەبلەغ سېلىش، سودا قائىدىسىنىڭ كىلېمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشنى قوللىشىغا كاپالەت قىلىش ھەمدە يېشىل ئۆتكۈنچى مەزگىلدىكى مۇھىم قېزىلما بايلىقلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىش ۋە ئۆلچەم ئىسلاھاتى قاتارلىق جەھەتلەردە ۋەدە بېرىش تەكلىپىنى بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر دوكلات مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا رىمدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى ۋە نويابىردا گىلاسگوۋدا ئۆتكۈزۈلىدىغان COP26 كىلېمات ئۆزگىرىشى يىغىنىدىكى مۇزاكىرىلەرنىڭ بىر قىسىمى بولىدىكەن.

بۇ خەۋەر 722 قېتىم كۆرۈلدى
14/10/2021 10:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق