گېرمانىيە ئەمەلدارى: بېيجىڭ ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى قوللايمەن

گېرمانىيە تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى داگمار فىرايتەگ خەلقئارا سىياسەتچىلەرنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 12-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيە تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ ۋەزىپىدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغان رەئىسى داگمار فىرايتەگ (Dagmar Freitag) مۇخبىرغا خەلقئارا سىياسەتچىلەرنىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى، بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە قارشى كۆڭۈلدىكىدەك نارازىلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە مۇخبىرغا: «مەن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسى ئوتتۇرىغا قويغان خىتاينى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش تەكلىپىنى قوللايمەن. ھېچبولمىغاندا دېموكراتىك دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ تەنھەرىكەت يىغىندا بولماسلىقى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى رەئىسى باخ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىغا تەنتەربىيە ۋە ئەركىن جەمئىيەت قىممەت قارىشىنى دەپسەندە قىلغان دۆلەتكە ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش ھوقۇقى بېرىشكە قارشى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلدۈرۈپ قويىدۇ» دېگەن.

 ئۇ ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشنىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى پەقەت ئولىمپىك ئۆتكۈزۈلسىلا، ئۇلارنىڭ ھېساباتىغا مەبلەغ داۋاملىق كىرىۋېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى تەنقىد قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋىرۇس يۇقۇمى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالاھىدە خاراكتېرىگە دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى، شۇنداقلا ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ چەكلەنگەنلىكى ۋە ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئالدىنقى ئايدا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پەقەت خىتاي ئىچىدىكى تاماشىبىنلار ئۈچۈنلا ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىنى، چەت ئەللىك تاماشىبىنلارنىڭ قاتنىشالمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ تۈرلۈك باستۇرۇش سىياسەتلىرى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش سادالىرى داۋاملىق كۈچىيىۋاتقان بولسىمۇ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بۇ ھەقتە سۈكۈت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

بۇ خەۋەر 621 قېتىم كۆرۈلدى
13/10/2021 14:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق