ياۋروپا ئىتتىپاقى ئافغانىستانغا زور مىقداردا ياردەم ئاجرىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى 12-ئۆكتەبىردىكى يىغىنىدا ئافغانىستان ئۈچۈن ئىنسانىي ياردەم سۇنۇشقا كۈچەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئافغانىستاننى بىر مىليارد ياۋرولۇق ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئافغانىستان مەسىلىسى باشلىقلار يىغىنى سىنلىق تەرىقىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئافغانىستاننى قايتا قۇرۇپ چىقىش، ئىنسانىي ياردەم بىلەن تەمىنلەش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

يىغىندا ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئىنسانىي ياردەم كىرىزىسىغا دۇچ كەلگەن بۇ دۆلەتنى بىر مىليارد ياۋرو قىممىتىدىكى ياردەم پىلانى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان. گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل ھازىرچە تالىبان ھاكىمىيىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىشقا تەييار ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن، ئەمما ئافغانىستاننى 600 مىليون دوللارلىق ياردەم بىلەن تەمىنلەشكە ۋەدە بەرگەن. يىغىندا تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان 20 دۆلەت گۇرۇھى رامكىسى ئىچىدە ئافغانىستان خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن ۋە تۈركىيەنىڭ يەنە بىر قېتىملىق ئافغانىستان كۆچمەنلىرى دولقۇنىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىنى قوشۇپ قويغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىمۇ يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئافغانىستانغا جازا يۈرگۈزگەن دۆلەتلەرنىڭ جازانى بىكار قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئافغانىستاننى 200 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى يېمەكلىك، قىشلىق لازىمەتلىك، ۋاكسىنا ۋە دورا قاتارلىق جىددىي ياردەم بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى تىلغا ئېلىشنى ئۇنتۇمىغان.

ۋاڭ يى سۆزىدە ئافغانىستاننىڭ بالدۇرراق قارار چىقىرىپ، تېررورلۇقنى يوقىتىش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئافغانىستاننىڭ يەنە تېررورچىلارنىڭ كۆپىيىدىغان ۋە پاناھلىنىدىغان ئورۇنغا ئايلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى مەقسەتلىك تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تالىبان ۋە ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى ئالدىنقى ھەپتە قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئافغانىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاننى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلىمەكچى بولغانلىقىنى، باشقا ئىنسانپەرۋەرلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ ئافغانىستانغا ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈشىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇشقا كېلىشكەنلىكىنى ئېيتقان.

بۇ خەۋەر 601 قېتىم كۆرۈلدى
13/10/2021 14:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق