تۆت دۆلەت خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە قارشى مانېۋىر باشلىدى

ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ھىندىستان 12-ئۆكتەبىر بېنگال قولتۇقىدا خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان مالابار يىللىق ھەربىي مانېۋىرىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنى باشلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مالاباردا يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەربىي مانېۋىر تۆت تەرەپنىڭ بىخەتەرلىك كېلىشىم مېخانىزمى بولغان «Quad»نىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى دەپ قارىلىدىغان بولۇپ، نىشانى خىتاينىڭ يامان غەرەزلىك كېڭەيمىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ئىكەن.

 تۆت دۆلەت دېڭىز ئارمىيەسى مانېۋىرنىڭ بىرىنچى باسقۇچىنى بۇ يىل 8-ئايدا ئامېرىكىنىڭ گۇئام ئارىلىغا يېقىن جايدا ئۆتكۈزگەن. ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ دۈشەنبىدىكى باياناتىدا ئاشكارىلىنىشىچە، مالابار بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى تۆت دۆلەت دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق ھەمكارلىق ئىقتىدارىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ھەمدە ئىلغار پاراخوت ۋە سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى تۇرۇشنى ئاساسىي مەشىق نۇقتىسى قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا مەزكۇر مانېۋىرغا قاتنىشىش ئۈچۈن «كارل ۋىنسون» ناملىق ئاۋىياماتكىسى ۋە ئىككى قوغلىغۇچى پاراخوتتىن تەشكىللەنگەن كۈچلۈك قوشۇننى ئەۋەتكەن. بۇ ئاۋسترالىيە خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 2007-يىلدىن بۇيان مالابار يىللىق ھەربىي مانېۋىرىغا ئىككىنچى قېتىم قاتنىشىشى ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مالابار دېڭىزى بىرلەشمە مانېۋىرى ئەسلىدە ھىندىستان بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرەپلىك مانېۋىر بولۇپ، ياپونىيە 2017-يىلى دائىملىق ئەزا سۈپىتىدە قاتناشقان. ئاۋسترالىيە 2007-يىلى مالابار مانېۋىرىغا قاتناشقان، ئەمما خىتاينىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، نەچچە يىلدىن بېرى مانېۋىرغا قاتناشمىغان بولۇپ، بۇلتۇردىن تارتىپ ئاندىن ھەربىي مانېۋىرغا قايتىدىن قوشۇلغان.

خىتاي تەرەپ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ھىندىستاننىڭ تۆت تەرەپلىك بىخەتەرلىك ھەمكارلىق مېخانىزمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كۈچەيتىشكە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئامېرىكىنى تۆت تەرەپ مېخانىزمىنى ۋاسىتە قىلىپ، خىتاينى كونترول قىلىشقا ئۇرۇندى، دەپ ئەيىبلىگەن. تۆت دۆلەت ئەمەلدارلىرى بولسا خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ھەرىكىتىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشى بىلەن، تۆت دۆلەتنىڭ بىرلىشىپ، ئۆزىنى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى خىتاينىڭ بۇزغۇنچىلىقى ۋە تەھدىتىدىن قوغداش زۆرۈرىيىتىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

بۇ خەۋەر 663 قېتىم كۆرۈلدى
13/10/2021 12:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق