ياپونىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەسى خىتايغا قارشى مەيدانىنى تەكىتلىدى

ياپونىيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان لىبېرال دېموكراتچىلار پارتىيەسى 12-ئۆكتەبىر سايلام خىتابنامىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتايغا قارشى تۇرۇشنى نۇقتىلىق تەكىتلىگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە لىبېرال دېموكراتچىلار پارتىيەسى تۈنۈگۈن 31-سېنتەبىردە ئاۋام پالاتاسىدىكى سايلامدا ئوقۇغان سايلام خىتابنامىسىنى ئېلان قىلغان. خىتابنامىدە پارتىيە يۇقۇمغا خاتىمە بېرىش، ئوتتۇرا تەبىقىنى قايتا قۇرۇش ۋە كۈنسېرى تەھدىت بولۇۋاتقان خىتايغا قارشى تۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن.

يېقىنقى راي سىناش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، لىبېرال دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ۋە باش ۋەزىر فۇمىئو كىشىدا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ بىر ھەپتىدىن كېيىن، خەلقنىڭ ئۇنى قوللاش نىسبىتى خېلى ياخشى بولغان. نۆۋەتتە لىبېرال دېموكراتچىلار پارتىيەسى ۋە ھاكىمىيەت ئىتتىپاقدىشى كومېئىتو پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا كۆپ قىسىم ئورۇننى ساقلاپ قېلىش نىشانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، سايلىغۇچىلار يۇقۇمنى تۈگىتىش ۋە ئاجىز ئىقتىسادنى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى پىلانلىغان ھۆكۈمەتنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىكەن.

لىبېرال دېموكراتچىلار پارتىيەسى خىتابنامىسىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جۈملىدىن بۇ يىل ۋىرۇسقا قارشى دورا بىلەن تەمىنلەش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ۋە بايلىقنى قايتا تەقسىملەشنى ئاساس قىلغان «يېڭى كاپىتالىزم»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پىلانىنى تەكىتلىگەن.

خىتابنامىدە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى قوللاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كەسىپ ساھەسىگە يېڭى كىرگەن كارخانىلارغا تولۇقلىما بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە خىتاينىڭ تەيۋەن بوغۇزىغا يېقىن ھەربىي ھەرىكەتنى كېڭەيتىش مەسىلىسى ۋە غەربىي تىنچ ئوكياندىكى خىتاي بىلەن ياپونىيە تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان ئاراللار مەسىلىسىگە قايتا قاراپ چىقىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

لىبېرال دېموكراتچىلار پارتىيەسى خىتابنامىسىدە يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى ئاشۇرۇشقا كۈچەيدىغانلىقىنى، ھەتتا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %2 دىن ئاشۇرۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بېرى ياپونىيەنىڭ مۇداپىئە خىراجىتى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ تەخمىنەن %1 نى ساقلاپ كەلگەن.

ياپونىيە ئاخبارات ئورگىنى NHK نىڭ راي سىناش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيەنىڭ يېڭى باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدانى قوللاش نىسبىتى %49 بولۇپ، ئالدىنقى باش ۋەزىرلەرنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىكى قوللاش نىسبىتىدىن تۆۋەنرەك ئىكەن.

بۇ خەۋەر 633 قېتىم كۆرۈلدى
13/10/2021 11:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق