ئەھلى سۈننەت ئالىملار ئىتتىپاقى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى

ئەھلى سۈننەت ئالىملار ئىتتىپاقى باش كاتىپى شەيخ مۇھەممەد ئابدۇلكەرىم باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنى، ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتائۇللاھ شاھيار باشچىلىقىدىكى ئۆلىمالار بىرلىكى رەھبەرلىك ھەيئىتى ئەزالىرى كۈتىۋالدى.
ئۇچرىشىش جەريانىدا قىسقىچە تونۇشۇشتىن كېيىن، ئەھلى سۈننەت ئالىملار ئىتتىپاقى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئەرەب ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىدە جانلاندۇرۇش يوللىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ خەۋەر 13029 قېتىم كۆرۈلدى
04/03/2019 18:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق