خىتاي مۇھىم ئورۇنغا جايلاشقان تاشقورغان ئايرودۇرۇمىنىڭ قۇرۇلۇشىنى پۈتتۈردى

يېقىندا تاشقورغان ئايرودۇرۇمىنىڭ ئۇچۇش رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى تاماملانغان بولۇپ، يىل ئاخىرىدا قاتناش باشلاش پىلانلانغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تاشقورغان ئايرودۇرۇمىدىكى ئاۋىياتسىيە بىناسى، ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش بىناسى ۋە يانداش ئىشلەپچىقىرىش قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى پۈتۈپ بولغان بولۇپ، نۆۋەتتە زىننەتلەش، ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش، بىرلەشمە سىناق قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلەر بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى كۈتمەكتىكەن.

تاشقورغان ئايرودۇرۇمى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ 13 كىلومېتىر جەنۇبىدا بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3252 مېتىر، قەشقەر شەھىرىگە تەخمىنەن 300 كىلومېتىر كېلىدىكەن. يەر كۆلىمى تەخمىنەن 14 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان مەزكۇر ئايرودۇرۇمغا 1 مىليارد 630 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ 13-بەش يىللىق پىلانىدىكى نۇقتىلىق ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشى تۈرى ھېسابلىنىدىكەن. ئايرودۇرۇمنىڭ يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارى 160 مىڭ ئادەم قېتىم، يۈك كىرگۈزۈش-چىقىرىش مىقدارى 400 توننا بولۇپ، يىلدا 1900 قېتىم ئۇچۇش-قونۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ساياھەتچىلەر ئادەتتە قەشقەر شەھىرىدىن ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ بەش سائەتتە ئاندىن يېتىپ بارالايدىغان بولۇپ، ئايرودۇرۇم پۈتكەندىن كېيىن تاشقورغاندىن قەشقەر، يەكەن، ئۈرۈمچى، غۇلجا، ئاقسۇ قاتارلىق شەھەرلەرگە ھاۋا قاتنىشى باشلىنىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھاۋا، تۆمۈر يول ۋە تاشيول قاتنىشىنى تېز سۈرئەتتە كېڭەيتىش ئارقىلىق، خىتاي كۆچمەنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا يەرلىشىشكە رىغبەتلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى توشۇشقا ئاسانلىق يارىتىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ تاجىكىستان، ئافغانىستان ۋە پاكىستان بىلەن چېگرالىنىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانى ئۈچۈن، جۇغراپىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولغان بۇ جايدىكى ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىنى پۈتكۈزۈشكە ئالدىرىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1127 قېتىم كۆرۈلدى
12/10/2021 11:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق