خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدە ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى بولدى

ئالدىنقى كۈنلەردە خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدە قاتتىق يامغۇر ياغقان بولۇپ، 1 مىليون 750 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.

سىنا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى نۇرغۇن جايلاردا قاتتىق يامغۇر ياغقان بولۇپ، كەلكۈنگە ئۆزگەرگەن يامغۇر سەۋەبلىك، شەنشى ئۆلكىسىدىكى 11 شەھەر ۋە 76 ناھىيە (شەھەر، رايون)دىكى 1 مىليون 750 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئاپەتكە ئۇچرىغان. بۇنىڭ ئىچىدە 120 مىڭ ئادەم كۆچۈرۈلگەن بولۇپ، يەنە 190 مىڭ گېكتار زىرائەت ۋەيران بولغان، 17 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، شەنشىنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا ئۇدا قاتتىق يامغۇر ياغقان بولۇپ، نۇرغۇن رايونلاردا يامغۇر سۈيىنىڭ يىغىلىپ قېلىش نىسبىتى تارىخىي رېكورت ياراتقان. قاتتىق يامغۇر سەۋەبلىك تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن، يول ئۈزۈلۈپ، قاتناش توختىغان. ئاپەت رايونىغا يېمەكلىك، كىيىم-كېچەك، يامغۇرلۇق قاتارلىق ياردەم بۇيۇملىرىنى توشۇش توسالغۇغا ئۇچرىغان. كەنتلەردە يامغۇر سۈيى كەلكۈن بولۇپ ئاققان بولۇپ، ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئاپەت ئېغىر بولغانلىقى سەۋەبلىك خىتاي مەملىكەت بويىچە، ئاپەت رايونىغا ياردەم قىلىش پائالىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە ياردەم يىغىش ۋەزىپىسى چۈشۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 690 قېتىم كۆرۈلدى
12/10/2021 11:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق