ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ زىددىيىتى يەنە كەسكىنلەشتى

ھىندىستان ۋە خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ قوماندانلىرى ئالدىنقى يەكشەنبە يېڭى بىر قېتىملىق سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئاخىرى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، خىتاي ۋە ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىرىنىڭ لاداختا سۆھبەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ زىددىيىتى قايتىدىن كەسكىنلەشكەن بولۇپ، ئىككى دۆلەت ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ يېڭى بىر قېتىملىق سۆھبىتى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلاشقان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يىل 2-ئايدىن باشلاپ، ھىندىستان ۋە خىتاي ھەر ئىككى تەرەپ باڭگۇڭ، گوگلا ۋە گالۋاڭ ۋادىسىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى قارشىلىشىش ئورۇنلىرىدىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرگەن. ئەمما كۆپ قاتلاملىق ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە، ئىككى تەرەپ يەنىلا ئارقا سەپ قوشۇنلىرىنى ساقلاپ قالغان.

بىر ھىندىستان ئەمەلدارى بۇ ھەقتە: «خىتاي ئاللىقاچان كەڭ كۆلەملىك ھەربىي قىسىم ئورۇنلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ھەربىي قىسمى ئۈچۈن، ئوخشاش مىقداردا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى مەۋجۇت. بۇ مەسىلە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ» دېگەن.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىردا: «بۇ خىتاينىڭ ئۇ يەردە ئۇزۇن مۇددەت تۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىز بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىمىز. ئەمما ئەگەر خىتاي بۇ يەردە داۋاملىق تۇرماقچى بولسا، بىزمۇ شۇنداق قىلىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن .

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 11-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، سۆھبەتتىكى توقۇنۇشنى خىتاينىڭ بىر تەرەپلىمە ھالدا نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش قىلمىشىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

باياناتتا سۆھبەت جەريانىدا ھىندىستان تەرەپنىڭ رايون مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا ئىجابىي پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، ئەمما خىتاينىڭ بۇنىڭغا قوشۇلمىغانلىقى، يەنە كېلىپ كەلگۈسىگە قارىتا ھېچقانداق تەكلىپ بېرەلمىگەنلىكى، شۇڭا ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدە ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

خىتاي ئارمىيەسىنىڭ غەربىي ئۇرۇش رايونىنىڭ باياناتچىسى لۇڭ شاۋخۇا 11-ئۆكتەبىر ھىندىستان تەرەپنى ئەيىبلەپ: «خىتاي تەرەپ چېگرا ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چىقىش قىلىپ، جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن، سەمىمىيىتىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئەمما ھىندىستان ئەمەلىي ئەھۋالغا ئۇيغۇن بولمىغان تەلەپتە چىڭ تۇرغانلىقى سەۋەبلىك قىيىنچىلىق كۈچەيدى» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ «ئەمەلىي كونترول لىنىيەسى» دەپ ئاتالغان چېگرا رايونىدا ئىككىلا تەرەپنىڭ ئونمىڭلىغان ئەسكىرى بار بولۇپ، ئۇلار زەمبىرەك، تانكا ۋە كۈرەشچى ئايروپىلان قاتارلىقلار ئۇرۇش ئەسلىھەلىرى بىلەن قوراللانغان. ئۆتكەن يىلى خىتاي بىلەن ھىندىستان ئەسكەرلىرى مەزكۇر رايوندا توقۇنۇشقان بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپتە ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەنىدى.

بۇ خەۋەر 721 قېتىم كۆرۈلدى
12/10/2021 10:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق