قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە مىللىي بىرلىك شۇراسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

بوسنىيە پايتەختى سارايېۋودا ئىككى كۈن داۋاملاشقان 13-نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» ۋە 4-نۆۋەتلىك «مىللىي بىرلىك شۇراسى» 10-ئۆكتەبىر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.

بۇ يىللىق قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە مىللىي بىرلىك شۇراسى دۇنيا سىياسىتى كۈنسېرى جىددىي ئۆزگىرىۋاتقان، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ خەلقئارا سىياسىي سەھنىدىكى ئورنى يۈكسىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ۋەزىيەتكە ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلىش، تۇغۇلۇۋاتقان پۇرسەتلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، شۇنداقلا كەلگۈسى بىر يىلدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا قىلىنىشى زۆرۈر دەپ قارالغان ھەرىكەتلەرنىڭ كونكرېت پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش مەقسىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يىغىنغا 10 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 40 نەچچە تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى، ئاكادېمىكلار ۋە جامائەت ئەربابلىرىدىن بولۇپ 120 دىن ئارتۇق ۋەكىلنىڭ قاتناشتى. بۇلاردىن سىرت ياۋروپا، ئامېرىكا، تۈركىيە ۋە بالقان دۆلەتلىرىدىن كەلگەن مۇھىم شەخسلەر، تەشكىلات ۋەكىللىرى ۋە دىپلوماتلارمۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان تەرەپلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىلىپ، كەلگۈسىدىكى خىزمەتلەر ھەققىدە دەسلەپكى قەدەمدە پىلان تۈزۈلدى.

يىغىندا «بوسنىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى سېلىشتۇرمىسى»، «ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيادىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى - تەرەققىياتلار ۋە كۈنتەرتىپلەر»، «غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي سىياسىتى - تەھدىتلەر ۋە پۇرسەتلەر»، «ئىسلام دۇنياسىنىڭ خىتاي سىياسىتى - تەھدىتلەر ۋە پۇرسەتلەر»، «ئافغانىستان-ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەزىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى»، «خىتاينىڭ ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقى بولغان سېنارىيەسى»، «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تەشكىلاتچىلىقتىن دۆلەتچىلىككىچە تەرەققىي قىلىشى»، «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ كەلگۈسى قەدەملىرى» قاتارلىق تېمىلار مۇزاكىرە قىلىندى.

يىغىندا تۆۋەندىكى مۇھىم نۇقتىلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى:

1. خىتاينىڭ ئۇنىۋېرسال قىممەت-قاراشلىرىغا ۋە ئىنسانىيلىققا تامامەن زىت بولغان سىياسىي سىستېمىسى ، مەدەنىيىتى، ئىجتىمائىي كۈلتۈرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى ھىيلە-نەيرەڭلىرىنى ئېچىپ تاشلاش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش؛

2. غەرب دۆلەتلىرىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى، ئىسلامىي ھەرىكەتلەر ۋە ھەر ساھە شەخسلىرى بىلەن خىتايغا قارشى ھەمكارلىق ئورنىتىش؛

3. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىلات سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مۇتەخەسسىسلىشىشنى تېزلىتىش ۋە كەسپىي مۇتەخەسسىسلەر قوشۇنىنى كۈچەيتىش؛

4. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئىسلام دۇنياسىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئىسلام دۇنياسىنى خىتاي تەھدىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇش؛

5. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىنى قوغدىغان ئاساستا ئۆزئارا ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ھەرخىل كۈچلەرنىڭ خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش، ئوخشىمىغان پىكىرلەر ۋە تۈرلۈك تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ۋە ئورتاق خىزمەتلەرنى كۆپەيتىش؛

6. تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىققا توسالغۇ بولىدىغان بارلىق ئامىللارغا قاراپ چىقىپ، ئۆزئارا ئىشىنىش، چۈشىنىش، قوللاش ۋە قوغداش روھىنى ئورنىتىش؛

7. ئىسلام ئەللىرىدە، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە بالقان دۆلەتلىرىدە خەلق دىپلوماتىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ خەلقئارالىشىشنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈش، ھەر خىل تىللاردا تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش؛

8. ياشلارنىڭ تەلىم-تەربىيە قۇرۇلۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش، كەلگۈسىدە دەۋا سېپىدىكى لاياقەتلىك ياشلارنىڭ يېتىلىشى ئۈچۈن مۇھىم بولغان تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇش؛

9. شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنىڭ ۋاز كەچمەس پىرىنسىپ ئىكەنلىكىنى ھەرۋاقىت تەكىتلەش، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشغال قىلىنغان تۇپراق ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلدۇرۇشقا تىرىشىش؛

يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئىككى كۈن جەريانىدا يەنە تۆۋەندىكىدەك تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى:

1. خىتاينى قوللاۋاتقان دۆلەت ۋە ئورگانلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك ئالاقىسىدىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم قىلىشقا چاقىرىش؛

2. خىتاي بىلەن چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش؛

3. تارىختىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا چوڭ رول ئوينىغان ئۆلىمالار، سىياسىيونلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن تەجرىبە-ساۋاق ئېلىش؛

4. ئاياللارنىڭ دەۋادىكى رولىنى ئاكتىپلاشتۇرۇش؛

5. خىتايغا رەقىب كۈچلەرگە نىسبەتەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى تەكىتلەش؛

6. ئىسلام دۇنياسىغا قارىتا يېڭى پىلان، قەدەملەرنى تۈزۈپ چىقىش؛

7. خىتاي ۋە ئىسلام دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم كېلىشىمنامىلەرنى ئىنچىكە تەتقىق قىلىش؛

8. ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئىلمىي تەتقىقات ۋە تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ۋە خەلق دىپلوماتىيەسىنى كۈچەيتىش؛

9. بالقان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش، شۇنداقلا بۇ رايونلاردىكى خەلقلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تىلىدىكى كىتاب-ژۇرنال ۋە باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تونۇشتۇرۇش؛

10. تەشكىلاتلارنىڭ ئاجىزلىق ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىنى ياخشى ئانالىز قىلىش ۋە باشقا تەشكىلاتلارنى ئۆزىگە تولۇقلىما دەپ كۆرۈش؛

11. شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆزبېكچە، قازاقچە، قىرغىزچە ۋە رۇسچە تەشۋىقاتلارنى كۆپەيتىش.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى بۇ يىل، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئوخشاشلا ئۇزۇن يىل كوممۇنىزمنىڭ تۈرلۈك زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان، كېيىن ئەلى ئىززەت بىگوۋىچنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۇزۇن يىل كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە مۇستەقىل دۆلەتكە ئايلانغان بوسنىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى بالقان دۆلەتلىرىگە كېڭەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارالماقتا.

بوسنىيەدىكى بۇ قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلۈشكە بىر نەچچە كۈن قالغاندا، خىتاينىڭ بوسنىيەدىكى باش ئەلچىسى جى پىڭ بوسنىيەدە چىقىدىغان «ئازادلىق گېزىتى»دە ماقالە ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى ئاقلاشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇنغانىدى ۋە بوسنىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستانچى كۈچلەر»نىڭ بوسنىيەدىكى پائالىيەتلىرىدىن ئاگاھ بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە جار سالغانىدى.

بۇ خەۋەر 1010 قېتىم كۆرۈلدى
11/10/2021 16:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق