بىرلەشمە ئاگېنتلىقى: شەرقىي تۈركىستاندىكى قورقۇنچلۇق ۋەزىيەت داۋاملاشماقتا

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇ يىل 4-ئايدا خىتاي تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، 10-ئۆكتەبىر بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مۇخبىر شەرقىي تۈركىستاندىكى نازارەت قىلىش ۋە كونترول قىلىش ۋەزىيىتىنىڭ كۆرۈنۈشتە بۇرۇنقىدەك قاتتىق ئەمەسلىكىنى، ئەمما يەرلىك خەلقنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا يەنىلا قاتتىق چەكلىمىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بايقىغان.

مۇخبىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار يەنىلا كۆرۈنمەس تۈزۈملەرنىڭ كونتروللۇقىدا ياشايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ پاسپورت ئىلتىماس قىلىش مۇمكىنچىلىكى يوق بولۇپلا قالماي، ھەتتا رايون ئىچىدە باشقا يەرگە بارماقچى بولسىمۇ، چوقۇم يەرلىك ساقچىخانىغا تىزىملىتىشى كېرەك ئىكەن. باشقا يەرگە كۆچۈشكە رۇخسەت قىلىنغانلار ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ساقچىخانىغا قەرەللىك دوكلات قىلىشى كېرەك ئىكەن. قىسقىسى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ باشقا يۇرتلارغا چىقىشىغا، ھەتتا تۇرۇۋاتقان كەنتتىن خالىغانچە ئايرىلىشىغىمۇ رۇخسەت قىلىنمايدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەلۇم بىر ۋېلىسىپىت سودىگىرى مۇخبىرنىڭ چەت ئەللىك ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، دەرھال ساقچىغا تېلېفون قىلغان. مۇخبىر يەنە بىر تاللا دۇكىنىنىڭ كاسسىرىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، مۇخبىرنىڭ كەينىگە چۈشكەن قارا كىيىملىك خىتاي كاسسىردىن بىر نەرسىلەرنى سورىغان. مۇخبىر كاسسىرنى قايتا زىيارەت قىلغاندا، كاسسىر بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي، دۇكاندىن قېچىپ كەتكەن.

گەرچە نۇرغۇن تەكشۈرۈش پونكىتى ۋە ساقچى پونكىتى شەرقىي تۈركىستان كوچىلىرىدىن غايىب بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئىرقىي ئايرىمىچىلىق يەنىلا ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن. ئۇيغۇرلار كۆرۈنمەس باشقۇرۇش سىستېمىدا ئىچىدە ياشايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىگە چەكلىمە قويۇلغان. قەشقەرنىڭ شەھەر ئەتراپى رايونىدا تىككۈچىلىك قىلىۋاتقان بىر خىتاي ئايال بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇخبىرغا: «كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسىدىن يىراقراق جايلارغا بېرىشىغا يول قويۇلمايدۇ» دېگەن. يەنە بىر خىتاي ئايال بولسا: «ئۇيغۇرلار ئەمدى بۇ يەردە بىرەر ئىش قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ» دېگەن.

مۇخبىر يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېزىلىرىدىكى كونترولنىڭ تېخىمۇ قاتتىق ئىكەنلىكىنى، كۆپلىگەن ئۆيلەرنىڭ ئادەمسىز قالغانلىقىنى بايقىغان. بىر ئۇيغۇر بوۋاي بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا ئەمدىلا جاۋاب بېرىشىگە، شۇ يەردىكى بىر خىتاي ئەمەلدار مۇخبىرنىڭ ئۇنىڭدىن نېمىلەرنى سورىغانلىقىنى بىلمەكچى بولغان، شۇنداقلا كەنت ئاھالىسىگە: «ئەگەر ئۇ سىلەردىن بىر نەرسە سورىسا، ھېچنېمە بىلمەيمىز، دەپ جاۋاب بېرىڭلار» دەپ بۇيرۇق قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمۇ ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئەزەلدىن خىتاينىڭ بايراملىرىنى ئۆتكۈزمەيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھويلىلىرىغا خىتاينىڭ پانۇسلىرىنى ئېسىش، خىتايچە مەسنەۋىلىرىنى چاپلاش تەلەپ قىلىنغان. مۇخبىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ناھىيىدە ھاراق ئىچىپ يۈرگەن ئۇيغۇرلارنى بىر نەچچە قېتىم كۆرگەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ۋارقىراپ: «بىز ھازىر خالىغانچە ھاراق ئىچەلەيمىز» دېگەن.

شەرقىي تۈركىستاندا بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى چەكلەنگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت بۇيۇملىرى تىزىلغان ساياھەت رايونلىرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، خىتايلار توپ-توپ بولۇشۇپ سۈرەتكە چۈشىدىكەن. شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللەتلەر سىياسىتىنى تەتقىق قىلىدىغان تەتقىقاتچى جېيمىس لېيبولد بۇ ئەھۋالنى «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مۇزېيلىشىشى» دەپ ئاتىغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي تىلى مەكتەپتىكى ئاساسلىق ئوقۇتۇش تىل ئۆلچىمى قىلغان بولۇپ، گەرچە ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەيدىغانلار بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر تىلىنى ئاممىۋى سورۇنلاردا ئىشلىتىلىش ئەھۋالى ئاستا-ئاستا ئازىيىشقا باشلىغان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش ۋە جازا لاگېرى سىياسىتى سەۋەبلىك خەلقئارانىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، خىتاي ئەمەلدارلىرى 2019-يىلى 7-ئايدا لاگېردا قامالغان كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى،  نۇرغۇن لاگېرلارنىڭ تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، شۇنداقلا كۆرۈنۈشتە نۇرغۇنلىغان جازا لاگېرلىرى تاقالغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما جازا لاگېرلىرى مەڭگۈلۈك تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا ئۆزگەرتىلگەن. ئىلگىرىكى ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرى ئۇزۇن مۇددەتلىك كوللېكتىپ قاماقخانىغا ئۆزگەرتىلگەن.

بۇ خەۋەر 1119 قېتىم كۆرۈلدى
11/10/2021 15:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق