ش ئا ئە ت باش كاتىپى: خىتاي باشقا دۆلەتلەرنى ھەربىي كۈچى ئارقىلىق قورقۇتماقتا

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى سىتولتېنبېرگ ئالدىنقى جۈمە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەرنى ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچ بىلەن قورقۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى سىتولتېنبېرگ ئالدىنقى جۈمە ئىسپانىيە باش مىنىستىرى سانچېز بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىسپانىيەنىڭ 2022-يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. ئۇ يۇقىرىقى سۆزلىرىنى يىغىندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قەيت قىلىپ ئۆتكەن.

سىتولتېنبېرگ يەنە: «بىز كەلگۈسىدىكى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، داۋاملىق بىر گەۋدە بولۇشىمىز كېرەك. بۇ كېلەر يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا مادرىدتا ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو باشلىقلار يىغىنىنىڭ مەجبۇرىيىتى. نۆۋەتتىكى خەلقئارالىق ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتىدۇ. رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرىدىن باشقا، خىتاي يەنە ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچىنى كۆز-كۆز قىلىش ئارقىلىق، باشقا دۆلەتلەرنى قورقۇتماقتا. بۇنىڭدىن باشقا، ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا رايونىدا مۇقىمسىز ۋە تېررورلۇق تەھدىتى بار. بۇ خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلار چوقۇم بىر گەۋدە بولۇشى كېرەك» دېگەن.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى خىتاينىڭ تەھدىتىگە بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىغان بولۇپ، بۇ يىل 6-ئايدا بىريۇسسېلدا ئېچىلغان باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاينىڭ سىياسىتى ۋە يادرو قورال ئامبىرىنى كېڭەيتىش ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارا تەرتىپ ۋە قائىدە-نىزاملارنى ئاساس قىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا بىخەتەرلىك جەھەتتىن سىستېمىلىق خىرىس بولۇپ شەكىللەنگەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى. يىغىندا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باشقا رەھبەرلىرىنى خىتاينىڭ مۇستەبىتلىكى ۋە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھەربىي كۈچىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرغانىدى.

سىتولتېنبېرگمۇ ئەينى ۋاقىتتا رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئورنىنى كۈچەيتىپلا قالماي، بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۆزئارا قورال-ياراغ سىستېمىسى ۋە تور نازارىتى ھەققىدە تەجرىبە ئالماشتۇرغانلىقىنى، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ھەمكارلىقىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا نىسبەتەن بىر چوڭ خىرىس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

بۇ خەۋەر 777 قېتىم كۆرۈلدى
11/10/2021 11:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق