فىرانسىيە پارلامېنت ئەزاسى تەيۋەننىڭ بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى

تەيۋەندە زىيارەتتە بولغان فىرانسىيە كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ئەلىن رىچارد ئالدىنقى جۈمە خىتاينىڭ نارازىلىقىغا قارىماي، تەيۋەننىڭ بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، فىرانسىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەيۋەنگە ئەۋەتىلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، فىرانسىيەنىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەلىن رىچارد ئالدىنقى ھەپتە فىرانسىيە كېڭەش پالاتاسى ئەزالىرى بىلەن تەيۋەننى زىيارەت قىلغان بولۇپ، پەيشەنبە تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن بىلەن پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىدە كۆرۈشكەن. كۆرۈشۈشتە سەي يىڭۋېن رىچاردنىڭ خىتاينىڭ نارازىلىقىغا قارىماي تەيۋەننى قوللاش مەيدانىدا چىڭ تۇرغانلىقىنى ماختاپ، ئۇنىڭغا ئالاھىدە ئوردېن تەقدىم قىلغان.

ئەلىن رىچارد جۈمە كۈنى تەيبېيدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «بۇ ئارالنىڭ ۋە بۇ دۆلەتنىڭ ئىسمى تەيۋەندۇر» دېگەن. ئۇ يەنە فىرانسىيەدىكى تەيۋەن ۋاكالەتخانىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىشنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەندىن سىرت، فىرانسىيە-تەيۋەن مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە قېلىپلاشتۇرۇلۇشىنى، ئىقتىساد، مائارىپ ۋە ئىلىم-پەن ساھەسىدە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ئورنىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، فىرانسىيەنىڭ بۇ مەسىلىدە تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن شۇ كۈنى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «دۇنيادا بىرلا خىتاينىڭ بارلىقى، تەيۋەننىڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكى، تەيۋەننى دۆلەت دېيىش فىرانسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپ ئىكەنلىكى» ھەققىدە جار سالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، فىرانسىيە كېڭەش پالاتاسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىش پىلانى بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغانىدى.

بۇ خەۋەر 874 قېتىم كۆرۈلدى
11/10/2021 09:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق