«شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» ۋە «مىللىي بىرلىك شۇراسى» بوسنىيەدە رەسمىي باشلاندى

13-نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» ۋە 4-نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى» بۈگۈن بوسنىيە پايتەختى سارايېۋودا رەسمىي باشلاندى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى يىللاردىن بېرى «شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» ۋە «شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى»نى ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، بوسنىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ يىللىق يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 40 تىن ئارتۇق تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى، ئاكادېمىكلار، جامائەت ئەربابلىرى، ئاخبارات خادىملىرى ۋە بوسنىيەنىڭ بىر قىسىم دۆلەت ئەربابلىرى قاتناشتى.

يىغىن بوسنىيە ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي مارشلىرى ۋە قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. رىياسەتچى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى ئېچىلىش سۆزى قىلدى.

ئۇ ئالدى بىلەن بوسنىيەدىكى ھەرقايسى ئەربابلارغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ، بوسنىيەنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا ئۈلگە بولغانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتتى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى بولغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنى خىتايدىن قوغداپ كەلگەنلىكىنى، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن زۇلۇمنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى خىتاينىڭ ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۆتكەنلىكىنى، ئەمما يەنىلا يالغان تەشۋىقاتى ئارقىلىق دۇنيانى ئالداشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۇ باستۇرۇشلارغا ھەرگىز باش ئەگمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ بۇ ھەقتە قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە، پۈتۈن دۇنيانى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار سۆز قىلىپ، نۆۋەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ ئومۇميۈزلۈك باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى يولىدىكى مەزكۇر يىغىننىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكنى بىلدۈردى.

يىغىندا شەرقىي تۈركىستان قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە مىللىي بىرلىك شۇراسىنىڭ تارىخى تونۇشتۇرۇلغان قىسقا ۋىدىيو قويۇلغاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئىمكانىيەت يار بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇندىن بۇرۇنقى قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە مىللىي بىرلىك شۇراسىغا قاتنىشالماي كەلگەنلىكىنى ئىلاۋە قىلىپ، بۇ مۇھىم يىغىننى تەشكىللىگۈچىلەرگە، بوسنىيە ھۆكۈمىتىگە رەھمىتىنى بىلدۈردى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن ھاياتىنى بېغىشلىغان ۋە بېغىشلاۋاتقان قەھرىمان، پىداكار شەخسلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئەمما شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ھۆرلۈككە ئېرىشىدىغانلىقىدىن ھەرۋاقىت ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن ئىسلام جامائىتى مىللىي گۆرۈش (كۆز قاراش) تەشكىلاتى رەئىسى مۇرات ئىلەرى ئەپەندى شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتە ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلانغانلىقىنى، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ بۇ ھەقتە خىتاينى ئەيىبلەۋاتقانلىقىنى، ئۆز تەشكىلاتىنىڭمۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتايغا قارشى ئاۋاز چىقىرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، پۈتۈن دۇنيا بىرلىشىپ، زۇلۇمنى توختىتىشنىڭ ئاللىبۇرۇن ۋاقتى كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مىللىي گۆرۈش تەشكىلاتىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى مۇھەممەد تۇرھانمۇ سۆز قىلىپ، مەزكۇر يىغىننىڭ خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتنى كۈچەيتكەن كۈنلەردە، ئەلى ئىززەت بىگوۋىچنىڭ ۋەتىنىدە ۋە مەۋلۇت ھەپتىسىدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئېتىقادنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشتىكى ھالقىلىق نۇقتا ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئارقىدىن جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا يوللىغان سىنلىق سالىمى يەتكۈزۈلدى. ئۇ سۆزىدە شەرقىي تۈركىستان مۇجادىلىسىنىڭ ماھىيىتىنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى ۋە پۈتۈن دۇنيا خىتاينىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى تونۇمىغان بىر پەيتتە، بوسنىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، شۇنداقلا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئالاھىدە سەزگۈر بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

يىغىندا ياۋروپا ئىسلام مەجلىسىنىڭ رەئىسىمۇ سۆز قىلىپ، ياۋروپادىكى مۇسۇلمان جامائىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار بولۇشقا باشلىغانلىقىنى، تەشكىلاتنىڭ ئەنگلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر قىسىم پائالىيەتلەرنى تەشكىللىگەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ھەرۋاقىت شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن سېربىيەنىڭ سانجاق مۇفتىسى سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستانغا قاتارلىق مۇسۇلمان ئەللىرىدە زۇلۇمنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، خىتايغا ئوخشاش بىر كۈچكە قارشى قىلىشقا تېگىشلىك زۆرۈر مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش لازىملىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن خىتايلار ئۈستىدىن چوقۇم غالىب كېلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

يىغىندا يەنە سابىق پارلامېنت ئەزاسى، پىروفېسسور، دوكتور جەلال ئەرباي ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق تارىخىنى، تۈرك-ئىسلام دۇنياسىدىكى مۇھىم رولىنى، دۈشمەنگە باش ئەگمەس روھىنى قەيت قىلىپ ئۆتتى، شۇنداقلا يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە مىللىي بىرلىك شۇراسىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولىنى تەكىتلىدى ۋە يېقىن كەلگۈسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ قايتىدىن ئۆز مۇستەقىللىقىنى قولىغا ئالىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن خەلقئارا بوسنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن ئىسلام ئەللىرىنىڭ باستۇرۇش ۋە قالايمىقانچىلىققا دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما دۇنيانىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ بىرلىككە موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

13-نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» ۋە 4-نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى» جەمئىي ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئاكادېمىكلار، تەشكىلات ۋەكىللىرى تۈرلۈك تېمىلاردا توختىلىدىكەن ۋە مۇھىم مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىدىكەن.

 

بۇ خەۋەر 2822 قېتىم كۆرۈلدى
09/10/2021 19:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق